شۈ چاڭگېن
مەن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئوقۇرمەنى، شۇنداقلا شىنجاڭ گېزىتىگە ماقالە يېزىپ تۇرىمەن. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، گېزىت ئوقۇپ، ماقالە يېزىپ كەلدىم، شىنجاڭ گېزىتى ماڭا يېزىقچىلىق دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىپ، ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىمنى قوزغاتتى.
شىنجاڭ گېزىتى بىلەن باغلانغان چوڭقۇر رىشتىمنى 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى»نى 1983 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى كەچتە تۇنجى قېتىم ئوقۇغانلىقىم تا ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. شۇ كۈنى كەچتە، بۇ مەن خېنەندىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ساۋەندە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمدىكى ليەندۈيگە كەلگەندىن كېيىن قاتناشقان 3 ـ قېتىملىق بەن ئىشلىرى يىغىنى ئىدى. ھەرقايسى بەنلەر يىغىندا گېزىت ئوقۇپ ئۆگىنىش قىلىدىغان بولۇپ، «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» «شىنجاڭ گېزىتى»نى چوقۇم ئوقۇيتتى. ئۇ چاغدا، مەن تۇرۇشلۇق بەندە پەقەت مەنلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولغاچقا، بەنجاڭ گېزىت ئوقۇش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى. 1983 ـ يىلى 5 ـ ئاي شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» مەخسۇس ئىستون تەسىس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئىش ئىزلارنى خەۋەر قىلغانىدى، بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز ئۆگىنىش قىلغاندا چوقۇم ئوقۇيتتۇق. ئۇ چاغدا، مەن ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە سىياسەت چوقۇم ئىمتىھان ئېلىنىدىغان مەزمۇنلار ئىدى، گېزىتمۇ مېنىڭ ئۆگىنىشىمدىكى يوشۇرۇن دەرسلىك بولۇپ قالدى. «شىنجاڭ گېزىتى» شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا كىرىپ، مېنىڭ ياخشى ئۇستازىم ۋە ياخشى دوستۇمغا ئايلاندى.
2001 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، مەن شىزاڭ ئالىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئالى ۋىلايىتىنىڭ رىتۇ ناھىيەسى بەنگۇڭ كۆلىدىكى قۇشلار ئارىلىغا چىققان مەنزىرە كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، مەن يېزىقچىلىق قىزغىنلىقىمنى باسالماي، «بەنگۇڭ كۆلىدىكى قۇشلار ئارىلىغا ساياھەت» ناملىق بىر پارچە نەسىرنى يازدىم. مەن ماقالىنى كاتەكچە قەغەزگە رەتلىك كۆچۈرۈپ، ئۈچ قېتىم ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئۇنى «شىنجاڭ گېزىتى»گە ئەۋەتتىم. مېنىڭ قەلبىمدە، «شىنجاڭ گېزىتى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى، مەن باشتىن ـ ئاخىر تەلپۈنىدىغان گېزىت. بىرمۇ مۇھەررىرنى تونۇمىغاچقا، تاپشۇرۇۋالغۇچى دېگەن ئورۇنغا «ساياھەت بېتىنىڭ مۇھەررىرىگە» دەپ يازدىم.
بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مېنىڭ چاقىرغۇمغا مۇنداق بىر ئۇچۇر كەلدى: «مەن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى، ماقالىڭىزنىڭ ئىشى توغرىسىدا تېلېفون قايتۇرۇڭ.» بۇ ئۇچۇر مېنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى. تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، بىر مۇھەررىر ئۇستاز ماڭا «بەنگۇڭ كۆلىدىكى قۇشلار ئارىلىغا ساياھەت»نىڭ كېيىنكى ساندىكى «گۆھەر تۇپراق» قوشۇمچە بېتىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، مەندىن بەنگۇڭ كۆلىدىكى قۇشلار ئارىلىنىڭ سۈرىتى بار ـ يوقلۇقىنى، ئۇنى ماقالىگە قوشۇپ ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خۇش خەۋەر بەك تۇيۇقسىز كەلگەچكە، مەن دەرھال گېزىتخانىغا سۈرەتنى ئاپىرىپ بەردىم. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەن بۇ ماقالىنىڭ 2001 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 8 ـ بېتىنىڭ باش ئىستونىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئورۇندا ئېلان قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم. گېزىتتىن تارقالغان باسما مېيىنىڭ ھىدى ئىچىدە، تۇنجى قېتىم ئۆزۈم ئەۋەتكەن ماقالىنىڭ قوغۇشۇن ھەرپكە ئايلانغانلىقىنى كۆردۈم، مەن ھاياجانلانغان ھالدا نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، ئۇ خۇشاللىق ھازىرغىچە ئېسىمدە.
بۇ نەسىرنىڭ ئېلان قىلىنىشى خۇددى بىر گۈزەل باشلىنىشقا ئوخشايدىغان بولۇپ، مېنىڭ ئەدەبىي يېزىقچىلىققا بولغان ئىشەنچىم ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مەن «گۆھەر تۇپراق» قوشۇمچە بېتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدىم، ھەربىر سان ئەسەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قايتا ـ قايتا ئوقۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادىمىيەت، تارىخ قاتارلىق جەھەتلەردىكى كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇدۇم، ئوقۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىقچىلىق قىزغىنلىقىم ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇدى. مەن ئاكتىپلىق بىلەن ماقالە يېزىپ، ماقالە ئەۋەتىپ، «گۆھەر تۇپراق» قوشۇمچە بېتىدە بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم. گېزىتكە چىققاندىن كېيىن، مەن تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىلگەن جايلارنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆگىنىپ ۋە ھېس قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۈم.
بۇ يىللاردا، مەن «شىنجاڭ گېزىتى»گە كۆڭۈل قويۇپ ماقالە ئەۋەتتىم، ھازىرغىچە ھېسابلىغاندا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ نەچچە يۈز مىڭ خەتلىك نەسر، ئەدەبىي خاتىرە، ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدىم ھەم ئۈچ پارچە نەسرلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇردۇم، شۇنداقلا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ، ئەينى چاغدىكى كىچىككىنە ئەدەبىيات ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.
ئوت ـ چۆپ بولىدىكەن، تۇپراققا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەك؛ قۇش بولىدىكەن، ئاسمانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ گېزىتى دەل مېنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىمدىكى تۇپراق، سىناق قىلىپ ئۇچقان ئاسمىنىم.
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى چىقىرىلىشىنى تىلەيمەن، «گۆھەر زېمىن» قوشۇمچە بېتىنىڭ مەڭگۈ خۇش پۇراق چېچىشىنى تىلەيمەن!
(ئاپتور ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار مۇلازىمەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى)