ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش مۇھاكىمە قىلىندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زور ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، زور ئاپەت خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، زور ئاپەتلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بىراق شۇنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەككى، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت بىرقەدەر ئېغىر بولىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى، تەبىئىي ئاپەت ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ھوقۇق ـ مەسئۇلىيەت پاسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەبىئىي ئاپەتنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تەييارلىقلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. «<14 ـ بەش يىل>لىق ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەخسۇس يىرىك پىلانى»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق ـ تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بىلىملىرىنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇداپىئەلىنىش ـ تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى ۋە تىرەك قىلغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى، ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت بەلگىلىمىسى ۋە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش جىددىي لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.
يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. سۇ يۇڭ، خۇ كەيجياڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.