تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاشقى سودا ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

2023 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى 200 مىليارد يۈەندىن ھالقىپ 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بىر يىلدىلا، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 100 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگە كۆپەيتىشكە شىنجاڭ 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانىدى.

سۈرئەت تېزلىتىلدى، يەنىمۇ تېزلىتىلدى! بۇلتۇر تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە يەنە تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى دادىل ئىزدىنىشكە ئايلاندۇردى، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى تېخىمۇ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

چوڭقۇر پىلانلاش:

ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋەزىيىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش

دۇنيا ئانچە تىنچ ئەمەس. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا تەتۈر ئېقىم كۆرۈلدى، بەزى دۆلەتلەر «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش»نى يولغا قويۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قاتمۇقات توسالغۇ پەيدا قىلدى.

بوران ـ چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇردى. يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، دۆلىتىمىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تاللاپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىشكە ۋەدە بەردى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ ئەندىزىسىدە مۇقەررەر تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدۇ.

قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

11 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، غۇلجا شەھىرىدە تۇنجى تالون «تاشيول پورتى + تەۋە جايدا بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى بويىچە مال ئۆتكۈزۈش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. شاۋشىڭ رۇييا خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ دىلۇن قىسقا تالاسى بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى پورت نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەشغۇلات ئورنىغا قايتا كىرمەيلا دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بىۋاسىتە يېتىپ باردى. شىركەتنىڭ دىرېكتورى رېن خۇا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئەندىزىدە، غۇلجىدىن قورغاس پورتىغا بېرىپ چېگرادىن چىقىدىغان تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى بىر ـ ئىككى كۈندىن ھازىرقى ئۈچ ـ ئالتە سائەتكە قىسقاردى، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كەسىپ ھالقىسى 16 دىن يەتتىگە ئازايدى.

«تاشيول پورتى+تەۋە جاي بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى ئىسلاھاتى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە پۈتۈن شىنجاڭدا كۆپەيتىلگەن، كېڭەيتىلگەن 11 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسالىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئىجادىيىتى.

ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.

2023 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى بۆلەك رايونلار تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، سىياسەت پايدىسىنى تېز قويۇپ بەردى.

«چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللارنى كۆپ پورتتا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزى يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى» «چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى چېگرا ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» «ئاپتوموبىل <5034> چېگرا ھالقىپ پارچە سېتىش يېڭى ئەندىزىسى»... تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆپ تۈرلۈك نەتىجىلەر ۋە تىپىك مىساللار تاشقى سودىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى ۋە 84 تۈردە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، ئەركىن سودا سىناق رايونى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 10 مىڭدىن بىرى ئەتراپىنى ئىگىلەيدىغان كۆلەمدە ئاپتونوم رايون بويىچە %40.16نى ئىگىلەيدىغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كارخانا 7583 بولۇپ، تەسىس قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن %46.18 ئاشتى؛ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 90 بولۇپ، تەسىس قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن %77.59 ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاددىيلاشقان، تېخىمۇ ماسلاشقان، تېخىمۇ ئاشكارا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولغان خەلقئارا سودا مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

راۋان يۈرۈش:

ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ئالتۇن يول بەرپا قىلىش

12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، قونجىراپ پورتى پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشتىن يىل بويى ئېچىۋېتىشكە ئۆتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش ۋە قار ـ مۇزلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، قونجىراپ پورتى ھەر يىلى 4 ـ ئايدىن 11 ـ ئايغىچە ئېچىلىپ، 12 ـ ئايدىن كېيىنكى يىلى 3 ـ ئايغىچە تاقىلاتتى.

قونجىراپ پورتىدىكى بۇ ئۆزگىرىش 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن كەلدى.

بۇ يىل 9 ـ ئايدا، جۇڭگو − قىرغىزىستان بەدەل تاشيول پورتىدا ۋاقىتلىق قاتناش باشلاندى. جۇڭگو − قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئەركەشتام پورتى، تورغات پورتىدىن كېيىن ئاچقان 3 ـ قۇرۇقلۇق پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ پورتنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغىچە، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار ھەر قېتىملىق خەلقئارا مۇنبەر، يىغىنلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك نەتىجىلەر بار.

بۇ دەل شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، پورت ئەۋزەللىكى، چېگرا بويى ئەۋزەللىكىنىڭ نامايەندىسى.

شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مۇناسىۋەتلىك.

شىنجاڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پورت قۇرۇلۇشى لايىھەسى (2023 ـ يىلىدىن 2026 ـ يىلىغىچە)» «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرى» قاتارلىق تاشقى سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە دائىر سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى.

پورت راۋانلاشسا، يول راۋانلىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتتىن 19ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاتاۋ ۋە قورغاس پورتىدا تۆمۈريول، تاشيول، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق توشۇش ئىقتىدارى ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاۋىياتسىيە پورتى بار.

تاشقى سودىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىرىنچى قەدەمدە ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان خەلقئارا يولنى ياخشى قۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭدا ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 119ى ئېچىلىپ، ئومۇمىي سانى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 26سى ئېچىلىپ، 16 دۆلەتتىكى 21 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى؛ چېگرا ھالقىغان خەلقئارا نۇركابېلدىن 26سى قۇرۇلدى... شىنجاڭنىڭ سىرتقا تۇتىشىدىغان چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

يول راۋانلاشتى، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلاندى، پورت ئارقىلىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، قورغاس پورتى ئارقىلىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 38 مىليون 11 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى؛ ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 23 مىليون 559 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشتى؛ تايكېشكېن پورتى ئارقىلىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.8 ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى ...

شىنجاڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ تاشما ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، يولدىن تۈگۈنگە، كەسىپلەر توپلاشقان جايغا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

ئالاتاۋ پورتى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئاشلىق ئىمپورت مىقدارى ئەڭ كۆپ، ئاشلىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى ئەڭ تولۇق، ئۆز جايىدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك پورت. ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى پورتقا تايىنىپ ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق ـ ياغ، يەم ـ خەشەك پىششىقلاش كارخانىسىدىن 17نى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق ـ ياغ ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش بازىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولىدىغان بىر تۈركۈم تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، ئەشيا ئوبوروتى يىغىش ـ تارقىتىش بازىسى قۇرۇلۇپ، مەركىزىي تۈگۈن گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شەرق بىلەن غەرب تۇتاشقان، جەنۇب ۋە شىمالغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، قاتلاملىرى ئېنىق ئايرىلغان، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان ئوچۇق ئىقتىساد بوشلۇقى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

سىردىشىش:

«قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» ئارقىلىق «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىش

جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم چېگرا ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ تەبىئىيلا غەربكە ئېچىۋېتىش گېنىغا ئىگە. تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھى بۇ تۇپراقتا نەچچە مىڭ يىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق رىشتىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق. تاشقى سودا تىجارىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا ئىشىنىش. ئالماشتۇرۇش، ئالاقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» ئارقىلىق «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق سودىنى تېخىمۇ راۋاج تاپتۇردى.

شىنجاڭ ئىشنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشلاپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

2023 ـ يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئۆمەك باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، داۋالاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپى بويىچە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ھاسىل قىلدى.

بۇ يىل، ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى ياش سىياسىيونلار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەت سودىگەرلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئامېرىكا خەلقئارا خۇارېنلار پەن ـ تېخنىكا، سودا ـ سانائەت جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى شىنجاڭغا زىچ زىيارەتكە كەلدى.

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «سىرتقا چىقىش» پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتتى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىش قېتىم سانى زىچلاشتى. بۇ زىچ ئارىلىشىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلدى.

11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو − قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى 1 ـ يىغىنى قورغاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان يەتتەسۇ ئوبلاستىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو − قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق يۇقىرى قاتلام يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى، 3 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستى كارخانىلىرىنىڭ ئۇدۇللىشىش، كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى رايون ھەمكارلىق يىغىنلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئېچىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ دائىملاشقان ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن سەككىزى بار.

يۇقىرى قاتلام سەھنە ھازىرلاپ بەردى، كارخانىچىلار رول ئالدى. شىنجاڭ كارخانىلىرى «سىرتقا چىقىپ» خەلقئارا «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يېڭى دورا «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى؛ دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۈچ دورىسى ئۆزبېكىستاندا ئىشلەپچىقىرىش تەستىقىغا ئېرىشتى؛ جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ نوقۇت، مېغىزلىق مېۋە تۈرىدىكى مېۋىلىرى، ئافغانىستان چۈچۈكبۇيىسى، ئۆزبېكىستان زاراڭزىسى ئىجازىتىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى ...

ئىقتىساد، داۋالاش، ئېنېرگىيە قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرى شىنجاڭدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتى.

12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، تاقالغىلى تۆت يىل سەككىز ئاي بولغان باقتۇ − باقتې پورتىدا كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى رەسمىي ئەسلىگە كەلدى. بۇ تۈركۈم چېگرادىن چىققانلار ئاساسلىقى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلىدىغان يولۇچىلار ۋە شۇ جاينىڭ ساياھەت كەسپىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكى يولۇچىلار، چېگرادىن كىرگەنلەر ئاساسلىقى تارباغاتاي ۋىلايىتىگە تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن قازاقىستانلىق يولۇچىلار ئىكەن.

ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى پورتلار چېگرا ھالقىغان ساياھەت دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى.

قازاقىستانلىق ئاغرىق بالا شياۋمىنىڭ ئانىسى Aidana جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدا 29 خەتلىك بىر رەھمەت خېتى يېزىپ، شياۋمىنى داۋالاپ ساقايتقان شىنجاڭلىق داۋالاش خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۆزئارا زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىقتىساد ـ سودا، قانۇن، تاراتقۇ قاتارلىق تۈرلۈك يىغىن، مۇنبەرلەرگىچە، يەنە چېگرا ھالقىغان ساياھەت، خەلقئارا داۋالاش قاتارلىق خەلق ئىچى ئالاقىسى كۆپىيىشكىچە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى «چوڭ سىزما»دىن «نەپىس سىزما»غا يۈزلەندى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق مېھرى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

ھەرقايسى ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىق شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە باش ئورۇندا تۇرغان سودا ھەمراھ دۆلىتى قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئاشتى.

بۇ يىل 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشتى.

كونىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭىلىق ياراتقاندا، ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ كۆلەم شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ھالىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش چوڭ ئىستراتېگىيەسىدە بارغانسېرى مۇھىم رول ئېلىپ، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.