تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم مەنىۋى تۈۋرۈكى

− «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان پەيتتە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

قىش كۈنلىرىدە، بېيجىڭ كىتاب سارىيى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى.

1 ـ قەۋەتتىكى چوڭ زالدا، ئوقۇرمەنلەر ئەمدىلا نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى»نى قولىغا ئېلىپ، سىياھ ھىدىغا تولغان كىتابلار ئارىسىدا قېتىرقىنىپ ئوقۇۋاتاتتى.

70 مىڭ خەتكە يېقىن كېلىدىغان بۇ نوپۇزلۇق كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىلمىي ھەقىقەت قىممىتى، ئۇنىڭدا نامايان قىلىنغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، تولۇپ تاشقان مەدەنىيەت ھېسسىياتى، ئەكس ئەتتۈرۈلگەن روشەن ئەمەلىيەت پەزىلىتى كىتاب بەتلىرىدە نامايان بولۇپ، كىشىنى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدۇ.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە زامانىۋى كۈچ قوشتى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە قىلدى.» قالتىس 2024 ـ يىلىدا، جۇڭگولۇقلار جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش پۇختا قەدەم ئىزىنى قالدۇردى. يېڭى مۇساپىدە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى مۇقەررەر تېخىمۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەيدۇ.

( 1 )

مەدەنىيەت ھازىرقى زامان جۇڭگودا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يەنە قانداق قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش سارىيىنىڭ مەنىۋى ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەيدۇ؟

تارىختىن ئىزدىسەك، جاۋابىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، تومۇرداش بولۇپ كەلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارلاق نۇر چېچىپ كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ياراتماقتا، شۇنداقلا دۇنيانىڭ مەدەنىيلىك مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى. تارىخنىڭ زور دولقۇنلىرىدا، مەدەنىيلىكنىڭ گۈللىنىشى، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش، 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاساسىدا مەدەنىيلىكنىڭ يېڭىلىنىشىغا قانداق تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى قانداق يارىتىش ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دۇچ كەلگەن يېڭى تېما بولۇپ قالدى.

«بىز قەيەردىن كەلدۇق؟ بىز قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟ جۇڭگو بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، مەن ئۆزۈمگە مۇشۇنداق بىر خىل تارىخىي تۇيغۇ بولۇش كېرەكلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇردۇم.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان: «پەقەت تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، بىز بۈگۈنكى ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلالايمىز».

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىنى ئويغىتىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا زامانىۋىلاشقان روھ بېغىشلاپ، تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان تارىخىي ئىشەنچ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئۇرغۇتتى.

ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدەنگەندە، ئېرىشكەن جاۋاب تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.

ئەسەر ئىدىيە تۇتاشتۇرىدىغان قورال. بارلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىنى باشلامچى ۋە ئاساس قىلىدۇ.

بۈگۈنكى دەۋردە، مەدەنىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى ئورنى كۈنسېرى مۇھىم بولماقتا. كىم مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىسە، شۇ كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىيەلەيدۇ.

«ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ پائال يېتەكلىشى بولمىسا، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتىلىشى بولمىسا، مىللەتنىڭ مەنىۋى كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى بولمىسا، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزەرى چوڭقۇر ھەم يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە.

پارلاق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق مىللەتنىڭ يىلتىزى ۋە روھىنى چۈشەندۈرۈش، جۇشقۇن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللەت روھىنى ئۇرغۇتۇشتا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جەزمەن مەڭگۈ مۇستەھكەم مەنىۋى تۈۋرۈككە ئىگە بولۇشى كېرەك.

تارىخ قەيەردىن باشلانسا، مەدەنىيەت شۇ يەردىن باشلىنىدۇ؛ كەلگۈسى قاياققا قاراپ ئىلگىرىلىسە، ئىدىيە شۇ ياققا قاراپ كېڭىيىدۇ.

دۇنيا مەدەنىيەت دولقۇنىدىكى يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىدىكى يېڭى تېمىلارغا جاۋاب بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي دولقۇنىدا مەدەنىيلىكنىڭ گۈللىنىشى، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ مەۋقەنى مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يېڭى باسقۇچىغا قويۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش...

ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىنىڭ توختىماي دولقۇنلاپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئىجادىي نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلدى. يېڭى دەۋردە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئىجاد قىلىنىپ، تۈرلۈك ـ تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

( 2 )

2024 ـ يىلى ئالتۇن كۈزدە، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

چىنلىڭ تېغى ئېتىكىدىكى مۇنداق بىر كۆرۈنۈش چوڭقۇر مەنىگە ئىگە: شەنشى باۋجى مىس قوراللار دەۋرى بۇيۇملىرى مۇزېيىغا كىرىپ، دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مىس بۇيۇم خېزۈن ئالدىغا كەلگەندە، باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ، ئەينەك كۆرگەزمە ئىشكاپىنى ئاستاغىنە بىر ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇزاققىچە زەن سېلىپ قارىدى.

3000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى، «中国» (جۇڭگو) دېگەن ئىككى خەت خېزۈننىڭ ئىچى تەرەپ ئاستىغا ئويۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى خەت گۈللىنىشكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، يەنە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە مېڭىۋاتقان قەدىمىي مەدەنىيلىكنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان نەزەر شۇ تاپتا خۇددى مۇنۇلاردىن دېرەك بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى − «بىرىنچى بىرلەشتۈرۈش»تىن «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»كىچە، «بىر بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تىن «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»كىچە، «بىرلەشتۈرۈش» يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى ئاچتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، تارىخنىڭ ئېنېرگىيەسى دولقۇنلاپ مەۋج ئۇردى، مەدەنىيلىكنىڭ ئاساسىي رېڭى تېخىمۇ قېنىق تۈس ئالدى.

«تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى».

قەدىمىي مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىنىشى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ 500 يىلدىن ئارتۇق قاينام ـ تاشقىنلىق ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 180 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئازاب ـ ئوقۇبىتى ۋە شان ـ شەرىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۈز يىلدىن ئارتۇق توختىماي كۈرەش قىلىشى... تارىخ تۇتاشتۇرۇلۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا توپلانغان مەدەنىيلىك ئەقىل ـ پاراسىتى يېپيېڭى كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

بۇلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىگە يۇغۇرۇلدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، «خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ» دېگەن خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى چاقناپ تۇرىدۇ، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولى خەلقنى بېيىتىشتىن باشلىنىدۇ» دېگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئېنىق ۋە چوڭقۇر، «خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا تەربىيەلەپ تەسىرلەندۈرۈش» دېگەن ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن، «تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە بولۇش» «ئېلىش لايىقىدا بولۇش» دېگەن قەدىمىي ئەقىل ـ پاراسەت كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش» «قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش، قوشنا ئەل بىلەن دوستانە ئۆتۈش» دېگەن ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنە روشەن ۋە جانلىق...

بەزى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ماقالىسىدە: «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولماقتا» دەپ يازدى.

بۇلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە چاقنىماقتا.

2024 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، 300دىن ئارتۇق ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىر مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)گە جەم بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە − پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى − جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك؛ ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك؛ سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كەتمەسلىك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا ماڭماسلىق؛ قانۇن ـ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، باشباشتاقلىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

كۇرسانتلار ھاياجانلانغان ھالدا: بۇ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»، بولۇپمۇ «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى جانلىق ئىنكاسى، دېدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى؛ ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئېشىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ۋەزىپىلەر مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولماقتا.

«جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك».

پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈلدى، 300 نەچچە تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى «كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش» «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت روھىي خىسلەتنى نامايان قىلدى؛

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ «خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش»نى تەكىتلەپ، «ئومۇملۇقنى كۆزلىگۈچى»نىڭ كۆڭلى ـ كۆكسى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى؛

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسى − جۇڭگو _ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، 2024 ـ يىلى ياۋروپا، ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىپ، بەش چوڭ قىتئەدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن قويۇق بېرىش ـ كېلىش قىلدى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ «ھەممە دۆلەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش» يولىنى تۇتقانلىقىنى نامايان قىلدى؛

خۇنەن چاڭدېدىكى 10 مىڭ مولۇق ئېتىزغا بېرىپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە جەزمەن ئۆزىمىزگە تايىنىپ كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئاقىللار ئاپەت يۈزبېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دانىشمەنلەر كەلگۈسىدىكى ئاپەتنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ» دېگەن سەگەكلىكنى نامايان قىلدى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئۆزگىرىش ياساپ تەرەققىي قىلىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قىيىنچىلىققا باش ئەگمىدى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇلىنى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئاساسىدا قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئەقىل ـ پاراسەت جەۋھەرلىرىگە تايىنىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئاچتى، تارىخ ۋە مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت ئەزىم دەريا ھامان قاتمۇقات خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئېگىز تاغ، تىك قىيالارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئۆركەشلەپ ئېقىپ، سانسىز جىلغىلاردا قايتما ئېقىن ھاسىل قىلىپ، بۇ تۇپراقنى سۇغىرىپ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

( 3 )

«قارا رىۋايەت: ۋۇكۇڭ» دۇنياغا كەلدى!

جۇڭگو كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر «غەربكە ساياھەت»تىن ماتېرىيال ئېلىنغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بۇ تۇنجى 3A ئويۇنى يېقىندا ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ يىللىق تىزىملىكىگە كىرىپ، قالتىس مەدەنىيەت IPسى ياراتتى.

دەۋر روھىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق «ئوبراز» يارىتىلدى، كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن مەدەنىيەت ئىشەنچى ئارقىلىق «روھ» تاۋلاندى.

بىر تاغ چوققىسىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۇنى تىك تۇرغۇزغان تاغ ئومۇرتقىسىغا باغلىق؛ بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى كۆتۈرەڭگۈ روھقا باغلىق.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ «ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان» كۈچىنى ئويغاتتى، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ روھىي قىياپىتى جانلاندى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچى مىسلىسىز ئاشتى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى تولۇق ئۇرغۇدى.

5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى مەنبە قىلغاچقا، جۇڭگو خەلقىنىڭ غايىسى ۋە كۈرىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنىۋى دۇنياسى باشتىن ـ ئاخىر جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

ئاسماننى شاھمات تاختىسى، يۇلتۇزلارنى شاھمات ئۇرۇقى قىلىپ، «شېنجوۋ» «تيەنگۇڭ» «بېيدوۋ» «چاڭئې» «جۇرۇڭ» «شىخې» بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا رومانتىك نادىر ئەسەرنى ئىزاھلىدى؛ تاغنى قەغەز، سۇنى قەلەم قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ تېز تۆمۈريول، ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك، ئەڭ ئالدىراش پورتلار جۇڭگو زېمىنىدا گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزىپ چىقتى؛ ئارزۇنى ئات، تەرنى بۇلاق قىلىپ، «يېڭىچە دېھقان»لار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى، «Z دەۋرى» ئىگىلىك تىكلەش يولىدا «سۈرئەتنى تېزلەتتى»، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى دۇنيا مۇسابىقە مەيدانىدا چېمپىيونلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى...

ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھنى ئاساسىي رەڭ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئاساسىي لىنىيە، «دۇنياغا بىمالال نەزەر سېلىش»تىن ئىبارەت مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يارقىن رەڭ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھاياتىي كۈچكە تولغان، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كۈرەش مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى پۈتۈپ چىقىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى مۇساپىسى كېڭەيتىلدى؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئىجادىي مۇجەسسەملىنىپ، ئەخلاق ـ پەزىلەتنى ئۇلۇغلايدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇندى؛ قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقى، ئوتتەك قىزغىن جۇڭخۇا مېھرى، ئۇلۇغۋار مىللەت روھى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مۇستەھكەملەندى... شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى.

«بۇ جاي بوران ـ چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق».

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىمان شەھەر ۋۇخەنگە يەنە كەلدى.

ئىسلاھات شامىلى تېز ئۇلغايغان بۇ مۇنبەت تۇپراقتا «تەبىئىي توسۇقنى راۋان يولغا ئۆزگەرتىش»تىن ئىبارەت مەردانە جاسارەت نامايان قىلىنماقتا، «ئېگىز جىلغىدا كۆل ھاسىل قىلىش»تىن ئىبارەت ئاجايىپ مەنزىرە بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» دەۋر رىۋايىتى داۋاملىق پۈتۈلمەكتە.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن باشتىن ـ ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ مەدەنىيەت بۇرچى بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنىۋى قان تومۇرىغا كۈنسېرى سىڭىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيەۋى ئاساسقا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان تەشەببۇسكارلىق روھىغا، ساغلام يۈكسىلىدىغان قىممەت ئىنتىلىشىگە ئايلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

( 4 )

سەددىچىن سېپىلىغا چىقىش، گاۋتيېغا ئولتۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى زىيارەت قىلىش، موگۇنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆستۈرۈشنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ۋاسىتىسىز 3D تېخنىكىسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش... 2024 ـ يىلىدىكى جۇڭگو چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى داكا قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق جاي بولۇپ قالدى.

ھەرقايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىمۇ جاي ـ جايلاردىن كېلىپ، جۇڭگو كوچىلىرىدىكى قايناق تۇرمۇشنى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىنى ھېس قىلماقتا. «جۇڭگو مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىگە ئوخشىمايدىكەن»دىن «جۇڭگو نېمە ئۈچۈن شۇنچە زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى»غىچە، «China Travel» دۇنيادىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

«يۈرۈڭلار، جۇڭگوغا بارايلى!»، بۇ، جۇڭگونى بايقاش ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونى چۈشىنىش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ ئارقىسىدىكى جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن.

مەدەنىيلىك نۇرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جۇلالاندۇردى، بۇ، مەدەنىيلىكنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېپيېڭى سەھىپە.

ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئىلگىرى كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان بىر قاتار مەدەنىيلىك يۇقىرى پەللىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى، ئۇ ئىلگىرى «بارلىق دۆلەت سالامغا كېلىدىغان» «شەرقنىڭ مەدەنىيىتى غەربكە تەسىر كۆرسەتكەن» شانلىق يىللارنى باشتىن كەچۈرگەنىدى، ئەمما يېقىنقى زاماندا «3000 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى»گە دۇچ كېلىپ، «ياتلارنىڭ تاجاۋۇزى ۋە مەجبۇرلىشى» «سىرتتىن كەلگەن تەلىماتلارنىڭ زەربىسى»گە ئۇچراشتىن ئىبارەت يۈز يىللىق ئازاب ـ ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردى. جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەش، تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ دەريالارنى كېچىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شان ـ شەرىپى قايتا جۇلالاندى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىي مەدەنىيلىك داۋاملاشتۇرۇلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، قەدىمىي مەدەنىيلىك يوقىتىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەس؛ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، باشقا دۆلەتلەردىن ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەس» «بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىشتا، تېخىمۇ كەڭ كۆڭلى ـ كۆكسىمىز بىلەن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىمىز، تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك»... «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت «جۇڭگو ئۇسۇلى» دۇنياغا ئىلھام بەرمەكتە، ئەسلىنى ئۇنتۇمايدىغان، سىرتتىن قوبۇل قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو سالاپىتى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

كىشىلەر كېلىشىۋالغاندەكلا ھاياجان بىلەن: «جۇڭگو يولى، جۇڭگو مەدەنىيىتى بىر دۆلەتكە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ نامايان قىلىنىشى» دېيىشمەكتە.

بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلاشماقتا.

ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە يەرشارىۋىلىشىش مۇساپىسىدە، «كۆپچىلىك» بىلەن «ئۆز»نىڭ، «ئاسمان» بىلەن «ئادەم»نىڭ، «پەرق» بىلەن «ئوخشاشلىق»نىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە بولۇش، ھەققانىيلىقنى ئۇلۇغلاش، ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، بۈيۈك باراۋەرلىككە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت «جۇڭگو قىممىتى» بۇنى ئىدىيە ئىلھامى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادا، قانداق قىلغاندا ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلانغىلى بولىدۇ؟ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان «جۇڭگو لايىھەلىرى» ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

ۋاقىتنىڭ تاۋلىشى، يىللارنىڭ جۇغلىشى ئارقىلىق ئۈمىد ۋە ئالدىن ئېيتىلغان سۆزلەر يەتكىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان يېڭى رېئاللىققا ئايلاندى.

بۇ يېڭى رېئاللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى سەھىپىسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ئۈمىدى.

( 5 )

بېيجىڭ ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، بىر ئالاھىدە «مەدەنىيەت سوۋغىسى» دۇنيانى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

«ئەنئەنىۋى بايرام»دىن «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى»غىچە، «جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى»دىن «دۇنيانىڭ باھار بايرىمى»غىچە، باھار بايرىمىدىكى كونىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىسىنى قوبۇل قىلىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىپ شانلىق نۇر چېچىشىدۇر.

«بۇلۇتتا باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆرۈش» «دۆلەت ھالقىغان ھارپا كېچىسى تامىقى يېيىش»تىكى مۇراسىم تۇيغۇسى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز پويىزىغا چىقىپ، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان دەۋر تومۇرىنى ھەرىكەتلەندۈرمەكتە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ «ئائىلە» توغرىسىدىكى كوللېكتىپ خاتىرىسىنى ئىللىتماقتا.

«ئەگەر بىر كۈن يېڭىلاشقا بولسىلا، كۈندە يېڭىلاش، يېڭىنى يەنىمۇ يېڭىلاش كېرەك».

بىز دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئۇزاققىچە مۇقىم قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتۇق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى ئون يىل بۇرۇن تاماملىدۇق، دۇنيا «تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ھېس قىلغىلى، يولغا قويغىلى بولىدىغان» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۆردى، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە زامانىۋى كۈچ بېغىشلاش»نىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكىسىنى چۈشەندى.

«يېڭى تارىخ يارىتىش تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت.» دەل شۇنداق بولغاچقا، «بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز ھەم ئەڭ قىيىن، ھەم ئەڭ ئۇلۇغ».

«جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات دەل ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە».

مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلاندى، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى «شەرق قەد كۆتۈرۈش، غەرب چېكىنىش» «جۇڭگونىڭ ياخشى ئىدارە قىلىنىشى، غەربنىڭ مالىمانچىلىققا پېتىپ قېلىشى»دىن ئىبارەت روشەن سېلىشتۇرما مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا شۇنى جاكارلىدى −

مەدەنىيلىك مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزىمىز. گۈللىنىش يولىدا ئىرادىدىن قايتمايمىز!

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى: «تەرەققىياتقا ئاخىرقى ھېسابتا مەدەنىيەت ئۇقۇمى ئارقىلىق ئېنىقلىما بېرىش كېرەك، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى نىشانى» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، تارىختا ئۇزاق مەزگىل گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىش ھالىتىنى ساقلىغان دۆلەتلەر كۈچلۈك ماددىي مەدەنىيلىكنى يارىتىپلا قالماي، كۆپ ھاللاردا يەنە شۇ دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيلىكنىمۇ ياراتقان.

نېمە ئۈچۈن مەدەنىيلىك؟ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو؟

بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا تۇرۇپ، قەلبىمىزگە ئۇلۇغۋار ئىرادىنى پۈكتۇق، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۇق: «كەلگۈسىدىكى جۇڭگو مۇقەررەركى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە دۇنياغا قۇچاق ئاچىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.