12-ئاينىڭ 5-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى چاغانتوقاي ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئېمىل يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپكە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق ماددىي ئەشيالار لىق قاچىلانغان يى فوندى ئىللىقلىق سومكىسىنى يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ پائالىيەت بالىلارنىڭ قەھرىتان قىشتىن تېخىمۇ ياخشى چىقىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئۇرۇقى چاچتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ زىنىڭ)
پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار «مىننەتدارلىققا تولغان قەلب» قول گىمناستىكىسىنى ئوينىدى.
لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجوۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇشال تەبەسسۇمى ۋە تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان قىياپىتىنى كۆرۈپ، قەلبىمىزدە چەكسىز سۆيۈندۇق ۋە ئىلھاملاندۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرىكىدەكلا شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز، تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى