بۇ ھەپتە
(12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە)
بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىپ
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ
قار ھەۋەسكارلىرى قېلىن قاردىكى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). جىن بىڭ فوتوسى
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
12-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 12دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە
يوللاردا مۇز تۇتۇش توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى
↓↓↓
مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن كۈندۈزدىن 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، كۆپ قىسىم رايونلاردا يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىكەن، يول يۈزىدە قار يىغىلىپ، يوللار تېيىلغاق بولۇپ، يەر يۈزىنى مۇز تۇتۇپ قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىش زۆرۈر.
مەنبە: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەچكە، ئاممىنىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا سۇس قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا ناھايىتى قېلىن قار ياغىدىكەن. يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئون بالغىچە بولىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ، سوغۇق بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا
12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە
تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى
ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى
قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا
ئالتە بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن
بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقاي شامال رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا
9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن
قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ ھەپتە تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا داۋاملىق تۇمانلىق بولىدۇ ياكى ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قار ياغىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار داۋاملىق تۈردە قىسمەن جايلاردا كۆرۈلىدىغان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قاتتىق قار ياغىدىغان ھاۋارايى، قۇيۇق تۇمان، شىۋىرغانلىق قار، شامال ئېغىزىدىكى قاتتىق بوران قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، قاتناش، شەھەر قاتنىشى، ساياھەت قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىردىن ساقلىنىشى كېرەك.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوت-چۆپ زاپىسى ۋە چارۋىلارنى سوغۇقتىن ساقلاش، ئىسسىق ساقلاش ۋە يەم-خەشەك تولۇقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۈزگى بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلار يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى، بۇغدايلىقنىڭ قار قاتلىمىنى قوغداشقا دىققەت قىلىشى، كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش ئەھۋالىنى ياخشى كۆزىتىپ ئۆلچەپ تۇرۇشى كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تارقاتقان
سوغۇق ئېقىمدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە
كۆپچىلىك قېلىنراق كىيىنىڭلار
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى