يولۇچىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ 2-قارارلىق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قىزغىن كەيپىياتتا قانات يايدۇرۇلدى.
يېقىندا ئايرودۇرۇمنىڭ يېپيېڭى كارىدورلۇق ئۆتۈشمە يولى رەسمىي نامايان بولدى. بۇ، قۇرۇلۇشتا يەنە بىر پۇختا قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. نۆۋەتتە، ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئىچكى قىسىمنى بېزەش ۋە ئەسلىھەلەرنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. كېيىنكى قەدەمدە، كېرىيە ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى سېلىنمىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان، قولايلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، كېرىيە ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللاپ، كەڭ يولۇچىلارنىڭ كۆڭۈللۈك سەپەرگە چىقىش يېڭى ئېھتىياجىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.