بۇ ئىككى كۈندە قار ھەقىقەتەن بەك ياغدى-ھە!
بىز يەنە بىر قېتىملىق قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانىنى كۈتۈۋالىمىز
بەك جىق گەپ سورىماي
تېزدىن مامۇق چاپاننى مەھكەم كىيىڭ!
سوغۇق ئېقىم ئۇشتۇمتۇت يېتىپ كەلدى
سىرتقا چىقىشتا، ئىسسىنىشتا، توك ئىشلىتىشتە
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
قانداق قىلغاندا
بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا
ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىش يۈكى ئېشىپ كەتمىسۇن
بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئىسسىنىش ئەسلىھەسىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ
ياشانغانلارنى، بالىلارنى توك سوقۇۋېتىشتىن ئېتىيات قىلىڭ
ئىسسىنىش ئەلىھەلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ
توك قېچىپ توك سوقۇۋېتىشتىن، كۆيۈپ يارىلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ
ئەمدى
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى
بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى
12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات
12-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈندۈزدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى ۋە بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، شىخەنزە شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، تۇرپان شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 ~ 9 بال بولىدۇ؛ تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
12-ئاينىڭ 10-كۈنى كېچىدىن 11-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلار ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 ~ 9 بالغا يېتىدۇ؛ تېمپىراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس.
12-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 12-كۈنى كۈندۈزگىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 10 ~ 9 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ؛ تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
كۆپچىلىك قېلىنراق كىيىنىپ
ئۆزۈڭلارنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلغايسىلەر
ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا
تېيىلغاق يوللاردا ئېتىيات بىلەن ھەيدىگەيسىلەر