تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش چىڭ تۇتۇلدى، پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈلدى

  ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم 20 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

12- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى سانائەت كارخانىلىرى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتتى. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا، بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ۋە يېمەكلىك تۈرىدىكى پەن- تېخنىكا كارخانىلىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى سىجىل ئاشۇردى.

  12- ئاينىڭ 6- كۈنى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ لەيۋو پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بەش قەۋەتلىك يوپۇقنى تەڭ پۈۋلەپ بىر تەرەپ قىلىش ھۈنەر- سەنئەت ئۈسكۈنىسى مۇقىم ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، كارخانا ئاۋسترالىيەدىن چۈشكەن بىر تۈركۈم زاكازغا جىددىي مەھسۇلات تەييارلاۋاتاتتى.

  شىنجاڭ لەيۋو پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فەن جيې مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشلەپچىقىرىۋاتقىنىمىز ئىسسىقلىقتىن تارىيىدىغان يوپۇق بولۇپ، شىركەتنىڭ پۈتكۈل مەھسۇلات قۇرۇلمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %50تىن ئاشىدۇ، ھازىرقى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى ئومۇمىي جەھەتتىن %3تىن %4كىچە ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل بازىرى %95 ئەتراپىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يىل كارخانىمىز بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاق- قارا سولياۋ يوپۇق يېڭى مەھسۇلاتى − تېرىش ئوقۇرى مۇداپىئە يوپۇقىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، ھازىر سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك بازارغا سېلىنىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، 1- ئايدىن 10- ئايغىچە 57 مىليارد 399 مىليون يۈەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ئورۇنداپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ %20.37ىنى ئىگىلەپ، 2- ئورۇندا تۇردى، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 21 مىليارد 208 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ تۇنجى قېتىم 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىش بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ %27.5ىنى ئىگىلەپ، 1- ئورۇندا تۇردى. پۈتۈن يىلدا سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 25 مىليارد 334 مىليون يۈەنگە، سانائەت ئېشىش سۈرئىتىنى %6.5كە يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى. (مۇخبىر مۇ مىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.