تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېڭى يىللىق زاكازلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تەرەپتىن سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى، ھازىر بۇ يىللىق زاكازلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن مال تەييارلاش بىلەن بىللە، يەنە كېلەر يىللىق زاكازلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

  4- پەسىلدە كارخانىلار خىزمەتلەرنى تاماملاشنىڭ ئاخىرقى ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى، بىر ھەپتىدىن بۇيان، مۇخبىرلار شىنجاڭ شېڭشى تەيخې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئارمان يېمەكلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا بېرىپ، كارخانىلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

  شىنجاڭ شېڭشى تەيخې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ليۇ يەنخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ جەمئىي ئالتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارىمىز 10 توننا ئەتراپىدا. بۇنىڭ ئىچىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش توننا ئەتراپىدا سۈت نان، 3000 دانە ئەتراپىدا ليېبا ئىشلەپچىقىرىمىز. ھازىر ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە پىشۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈردىكى 150 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرالايمىز، بۇ يىل ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن 2024- يىلى 3- تۈركۈمدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا دەپ بېكىتىلدۇق.

  شىنجاڭ شېڭشى تەيخې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لاڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىزنىڭ بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارىمىز ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى. شىركىتىمىز ھەر يىلى ئون خىلدىن ئارتۇق يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا سالىدۇ، بۇ يىلقى يېڭى مەھسۇلاتلار بىر قىسىم قەنتسىز ۋە مايسىز تۈرلەرگە چېتىلىدۇ، ھازىر كۈندىلىك زاكاز ئالغاندىن باشقا، يەنە 2025- يىلى باھار بايرىمىلىق بازارغا ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى تەييارلاشنى پىلانلاۋاتىمىز، تەخمىنەن ئون خىل باھار بايرىمىلىق سوۋغاتلىق ۋە بىر قىسىم پارچە سېتىلىدىغان بايراملىق مەھسۇلاتلار بار.

  شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن كۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىمىزنىڭ «زاكازلىق سېتىش» بويىچە، بۇ يىلقى سالمون بېلىقى لازا قىيامى، سېرىق پۇرچاق لازا قىيامى، كالا گۆشى لازا قىيامى، قاتتىق پوستلۇق قۇرۇق مېۋە لازا قىيامى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ھازىر شىركىتىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن باھار بايرىمىلىق زاكازلارنى تاپشۇرۇۋالماقتا، كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 12 مىڭ بوتۇلكىدىن 15 مىڭ بوتۇلكىغىچە بولۇۋاتىدۇ.

  ئوخشاشلا بۇ يىل شىنجاڭ ئارمان يېمەكلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشىدىمۇ «قوش ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  شىنجاڭ ئارمان يېمەكلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئالىم ئىبراھىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىمىزنىڭ باغچە رايونىدا كەمپۈت، ۋېيخۇا شاكىلاتى ۋە ئاغزىنى ئېچىپلا يېگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش رايونى بار. بۇنىڭ ئىچىدە كەمپۈت ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىككى توننا، ۋېيخۇا شاكىلات ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ئاپتوماتلاشقان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىر كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 34 توننىغا يېتىدۇ. بۇ يىل كارخانىمىز تۈزگەن پىلان ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى، مۇشۇ ئايدا قار- مۇز ساياھىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق سېتىش ۋەزىپىسى ۋە مەھسۇلات قىممىتى نىشانىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز. مەسىلەن: كارخانىمىز يېڭىدىن كۆپەيتكەن سوقماق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سوقماقلار تېخىمۇ كىچىك، تېخىمۇ ئەپچىل قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

  ھازىر ئارمان يېمەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا 468 ئەزا دۇكىنى ۋە 38 تېز تاماقخانىسى بار، كارخانا تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئۈچ چوڭ تۈردىكى 280دىن ئارتۇق مەھسۇلات شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارنى قاندۇرۇش ئاساسىدا، يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە سېتىلدى. يېڭى بىر يىلدا، كارخانا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇش پۇرسىتىنى چۆرىدەپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.