□ لى لى
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى، پارتىيە گېزىتى ماڭا نوپۇزلۇق، ئوبيېكتىپ، سالماق تەسىر بەرگەن بولۇپ، قارىماققا سەل جىددىي تۈس ئالغاندەك كۆرۈنەتتى. تاكى مەن بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقانغا قەدەر ئاندىن خەلقنىڭ بۇ گېزىتىدە تەبىئىي بار بولغان ئىللىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
2021 - يىلى «1 - ماي» مەزگىلىدە، بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالا توغرىسىدىكى ئىش ئەمدىلا يۈزبەرگەنىدى. بۇ بالىنى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن دوستلار چەمبىرىكىمدە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان خىزمەتداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىدىم. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا مەن بىلەن ئالاقىلەشتى ھەم سەھەر سائەت 1 دە ئۆيۈمگە كېلىپ مېنى زىيارەت قىلدى. مەن ئىلگىرى ئىزچىل دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيە ئۇستىلىدە ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش ئۈچۈن مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىكىنى، ھاردىم - تالدىم دېمەسلىكىنى قىل سىغمايدىغان كەسپىي ئەخلاق دەپ قارايتتىم، شۇ دەقىقىدە مەن ئاخبارات مۇخبىرىنىڭمۇ رېئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش، بىرىنچى قول ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوخشاشلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ كۈندىكى زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سەھەر سائەت 3 بولۇپ قالغانىدى.
بۇ قېتىمقى خەۋەر قىلىشتىن مەن يەنە تاراتقۇلارنىڭ كۈچىنى كۆردۇم. بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالا شياۋمەي پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىكنىڭ ئىللىقلىق بىلەن قىلغان ياردىمىدە، ئۇنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.
بۇ قېتىمقى خەۋەر قىلىشتىن مەن يەنە ئىنتايىن كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتىم. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشى ئارقىلىق، مەن پۈتكۈل ۋەقە جەريانىدا ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ قۇتقۇزغانلىقىدىن ئىبارەت تەسىرلىك تەپسىلاتلارنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدىم. بۇ مېنى «ئىتتىپاقلىق»دېگەن سۆزگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق تونۇشقا ئىگە قىلدى: بەلكىم ئادەتتە بۇنى ھېس قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ھەقىقىي قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئويۇلغان بۇ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك تەڭلا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئۇ تولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، مەن خىزمەت جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتىم، مەن ئۆزۈمگە شۇنداق ئېيتتىمكى، چوقۇم ھەر دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، دوختۇر بولۇش مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن.
دەل شۇ بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالا توغرىسىدىكى ئىش سەۋەبىدىن، «قول - پۇت ئۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئالتۇندەك قىممەتلىك سەككىز سائەتلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋاقتى»نى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلىۋالدى. تاراتقۇلار بۇ ئاخباراتنى خەۋەر قىلغاندا، يەنە بىزگە ياردەملىشىپ بىر قېتىملىق كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغان تېببىي ساۋات ئومۇملاشتۇرۇشى ئېلىپ باردى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىز شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئاغرىق مىسالىنى قوبۇل قىلىپ دىياگنوز قويدۇق، نۇرغۇن كىشىلەر «ئالتۇندەك قىممەتلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋاقتى» ئۇقۇمىغا ئىگە بولدى، قانچە بالدۇر ئېلىپ كېلىنسە، ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولاتتى. ھازىر، مەنمۇ قىسقا سىن سۇپىسىدا تېببىي پەن بىلىملىرىنى ھەمبەھرىلەپ، داۋالاش ئىلمى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، مەستانىلىرىم 10 مىڭدىن ئاشتى.
بۇ بىرنەچچە يىلدا، مەن بۆلۈمدىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن خوتەنگە كاماندىروپكىغا بارغاندا، دائىم شياۋمەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقىمەن. بۇ يىل مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئاتالغان مۇتەخەسسىسلەر ئىشخانىسى خوتەن شەھىرى ھەم خوتەن ناھىيەسىدە ماكانلاشتى، دوختۇرخانىمىز قەرەللىك ھالدا ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش، خالىس كېسەل كۆرۈش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ بىرقەدەر خەتەرلىك، ئېغىر بولغان پۇت - قول زەخىملەنگەندىن كېيىنكى كۆپ پەن بويىچە ھەمكارلىشىپ جىددىي قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ۋە داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.
دۆلەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلەيمىز، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيمىز، مەن بىلەن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ھېكايىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 75 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، باشتىن - ئاخىر قەلبىمگە يالقۇنلۇق ئارزۇنى پۈكۈپ، پارلاق كەلگۈسىگە ئاتلىنىمەن.
(ئاپتور شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 4 - دوختۇرخانا <ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى> سۆڭەك كېسەللىكلىرى 5 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)