تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ۋە ئاممىنى قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزىدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەش مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەممە ئائىلىگە چېتىلىدۇ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە، خەلق تۇرمۇشى زور پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك. پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى ساھەنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق، پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق، ئاممىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەشكە دائىر ئىلتىماس - تەلىپى كۆپ بولۇش، ۋاقتىدا بېجىرىپ تاماملىماسلىق، يېزىلاردىكى پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈردى، تۈزىدى، ئەرزىيەت تارماقلىرى ۋە 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق سۇپىلار بىلەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆپ خىل يول بىلەن توپلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھەرقايسى جايلار ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۇرۇبا تورى، پار قازان، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە قۇدۇقى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئاسراش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، «مەسىلە ساقلانغان» ھالەتتە يۈرۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى. نۇقتىلىق ھالقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەشغۇلات قىلىش، ئاسراش خادىملىرىنى يېقىلغۇ گاز، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى ۋە مەشغۇلات ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتتى. چەكلىك بوشلۇقتا مەشغۇلات قىلىش قائىدە - تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۇرۇبا يولى كونىراپ كېتىش، ئەسلىھەلەر بوشاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، «تۇرۇبا يېرىلىپ سۇ ئېقىپ كېتىش» مەسىلىسىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولى پارتلاپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ يۈزبېرىشىنى توستى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يەنە ئۆيگە كىرىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش قاتارلىق «خەلق رايىنى بىلىش، ھال - ئەھۋال سوراش» خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى 24 سائەتلىك خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي رېمونت قىلىش ئاپتوموبىلى ۋە ئۈسكۈنە، ئەسلىھە قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2024 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان ئىسسىنىش پەسلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلارنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 600 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان. ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - بازارلاردىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاشنى باشقۇرۇش چارىسى بويىچە، بۇ ئىسسىنىش پەسلىدە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت مۇلازىمەت ئەھۋالى ئىناۋەت باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.