□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ
2018 - يىلى يۈك توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئاشتى ھەم تارىخىي رېكورت ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى. 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يۈك توشۇش مىقدارى 214 مىليون 700 مىڭ توننىغا يېتىپ، توشۇلغان يۈك مىقدارى مۇددەتتىن 32 كۈن بۇرۇن بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق يۈك توشۇش مىقدارىغا يېتىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشى بىر تەرەپتىن، بازار ئېھتىياجى ئېشىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنى بىرقەدەر كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بولدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنى يەنە تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەنلىكى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
بازار ئېھتىياجى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى
شىنجاڭ ئىچىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم ئاشتى، ئېھتىياج سىجىل ئەسلىگە كەلدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ ئىلغاش كەسپى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىدە بىردەك تېز سۈرئەتتە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىسى كۈچلۈك بولۇپ، شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرىدە تاماملانغان سېلىنما كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
پۈتۈن مەملىكەتتىن قارىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. ئىقتىساد مۇقىم يۈرۈشۈپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى كۈندىن - كۈنگە جانلىنىپ، خام ئەشيا، تەييار مەھسۇلات قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتى يۈك توشۇش مىقدارى كۆپ، تەننەرخى تۆۋەن، يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن نۇرغۇن كارخانىنىڭ، بولۇپمۇ كۆمۈر، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يۈك تىرانسپورتىنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.
كۆمۈرنى مىسالغا ئالساق، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەڭشىلىشى، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايدا كۆمۈر كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرچىلىكىنى تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
2019 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر يوشۇرۇن كۈچى تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بەش يىل ئىچىدە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 240 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشتى.
شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش كارخانىسى بولغان دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى كۆپلىگەن نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، بۇ شىركەتنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 56 مىليون 263 مىڭ توننا ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليون 138 مىڭ توننا ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %36.8 بولدى؛ 57 مىليون 676 مىڭ توننا كۆمۈر سېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليون 452 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ، ئېشىش نىسبىتى %36.6 بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.
«كۆمۈر توشۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى تۆمۈريول، بازارنىڭ كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى كۈچىيىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنى تېخىمۇ كۆپ مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 95306 يۈك تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ ياڭ. 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 81 مىليون 479 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.4 ئاشتى.
ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى
تۆمۈريول تىرانسپورتى جانلانسا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئىككىسى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنما سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، يۈك تىرانسپورتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولاي يول بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۆمۈريول تۈرلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ئاساسىي يول، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنى شىمالىي يول، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنى جەنۇبىي يول قىلغان «بىر ئاساسىي گەۋدە، ئىككى قانات» قاتناش ئەندىزىسى شەكىللەندى، بارغانسېرى كۆپلىگەن كۆپ مىقدارلىق مال تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭ ئىچى - سىرتىغا توشۇلدى.
شىنجاڭ يەنە ھازىر بار بولغان تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى جىڭ - ئالاتاۋ بۆلىكىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 2 - لىنىيەسىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى، ئالاتاۋ ۋوگزالى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەيدانى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدا كەڭ رېلىسلىق، ئۆلچەملىك رېلىسلىق بېرىش - كېلىش لىنىيەسى 32گە يېتىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ توشۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 28 ئۇچرىشىش - يول بېرىش بېكىتىنىڭ ھەممىسى مۇددەتتىن 50 كۈن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يۈك پويىزلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش ئىقتىدارى 13 جۈپتىن 26 جۈپكە كۆپەيدى.
«لىنىيە تېخىمۇ ئۇزاردى، ۋوگزال تېخىمۇ كۆپەيدى، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تەرەققىيات سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆسۈپ، تۆمۈريول تىرانسپورت ئاساسى تېخىمۇ مۇقىملاشتى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى 1 - چارلاپ لايىھەلەش ئورنى گۇرۇھى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاپ لايىھەلەش ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش ئىنژېنېر ۋاڭ شىنشۈەن.
شۇنى كۆرۈش كېرەككى، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىن چىقىش لىنىيەسىنىڭ بېسىمى بىرقەدەر چوڭ بولدى.
ۋاڭ شىنشۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا جەمئىي شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ تۆمۈريول لىنىيەسى بار، ئوتتۇرا لىنىيەدىكى لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن تويۇنغان، لېكىن خېشى كارىدورىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ. جەنۇبىي لىنىيەدىكى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، قىسقا مەزگىل ئىچىدە 2 - لىنىيەنى كۆپەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تەس. شىمالىي لىنىيەدىكى تىرانسپورت يولى قايتا - قايتا كېڭەيتىلگەن بولسىمۇ، تىرانسپورت ئىقتىدارى يەنىلا يېتىشمەيدۇ. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىنىڭ ئېجىنا - قومۇل بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىلگەن 2 - لىنىيەسى، ۋۇتۇڭشۇي - نوم تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشتىن ئۈمىد بار، شۇ چاغدا شىمالىي لىنىيە تېخىمۇ راۋانلىشىپ، تىرانسپورت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆمۈر شىمالىي لىنىيە ئارقىلىق شىنجاڭ سىرتىغا توشۇلىدۇ.
تىرانسپورت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى
11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 16دە، شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالى ئايلانما لىنىيەسىدە، خىزمەتچىلەر 30 مىنۇتتىلا كۆمۈرنى پۈتۈن پويىزغا قاچىلاپ بولدى.
«بىز <يول راۋان، پويىز تېز يۈرۈش>نى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش - قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى پىلان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ لۇ. 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، تۆمۈريول تارماقلىرىدا كۈندىلىك يۈك قاچىلاش مىقدارى ئۇدا 27 كۈن 12 مىڭ ۋاگوندىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، يۈك بولسىلا ۋاگون بولۇش، ۋاگون بولسىلا تېز توشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
بۇ يىل يۈك تىرانسپورت مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان رېئاللىق ئالدىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۈك تىرانسپورتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، لىنىيە، ۋوگزال، پاراۋۇز، ۋاگون ۋە يۈك مەيدانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، توشۇشنى تەشكىللەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يولۇچىلار پويىزى شەكلىدە قاتنايدىغان ئايلانما پويىز كۆپەيتىلىپ، كۈندىلىك قاتنايدىغان پويىز سانى 16دىن 49غا كۆپەيدى. ئېغىر يۈك تىرانسپورتى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ 10 مىڭ توننىلىق پويىز قاتنىدى، يىل ئىچىدە قاتنىغان پويىز سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %12، %16 ئاشتى. «پويىزلارنى توسالغۇسىز كۈتۈۋېلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن پويىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش» يولغا قويۇلدى، يىل ئىچىدە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا ئەنبېي، ماڭيا بازىرى، ۋۇتۇڭشۇي پاسىل ئېغىزىدا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 123.5 جۈپ پويىز ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ - ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19.5 جۈپ كۆپەيدى، تېخىمۇ كۆپ پويىز شىنجاڭغا راۋان كىرىپ چىقالايدىغان بولدى.
يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر ئېلېكتىر، نېفىت، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانا ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھرىلىدى. ئەشيا ئوبوروتى باش ھۆددىگەرلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى باش ھۆددىگەرلىك توختامىدىن جەمئىي 29 پارچە ئىمزالاپ، كېلىشىملىك توشۇش مىقدارىنى 28 مىليون 600 مىڭ توننىغا يەتكۈزدى، توختام ئىجراسىنىڭ نەقلىشىش نىسبىتىنى %112كە يەتكۈزدى. خىمىيە سانائىتى، ئاشلىق، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن قاتارلىقلار ماللارنى توشۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، توشۇش كۈچىنى مايىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېشىل يول ئېچىپ، يۈك توشۇش ۋاگونى زاكاز قىلىنغان نۆۋەتچى پويىز، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق بىۋاسىتە بارىدىغان يۈك توشۇش مەخسۇس پويىزلىرىنى قاتنىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە يۈك ساندۇقىنىڭ كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتى «بىر تالون تۈزۈمى»دە توشۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، مال يەتكۈزۈش پۈتكۈل جەريانىدا «بىر قېتىم ھاۋالە قىلىش، بىر تالون بىلەن ئاخىرغىچە يەتكۈزۈش، بىر يۈك ساندۇقى بىلەن ئاخىرغىچە يەتكۈزۈش، بىر قېتىمدىلا راسچوت قىلىش» قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇردى.
«كېيىنكى مەزگىلدە تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆمۈريول زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى ليۇ ياڭ.