تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى گۈزەل «مەنزىرە»

− شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلغانلىقى توغرىسىدا كۆزىتىش

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى زىلياڭ، گۇ يۈ، دۇ گاڭ

شاماللىق جىلغىدىكى تاغ باغرىدا، شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش گېنېراتورلىرى قاتار - قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، غايەت زور ياپراقچىلار شامالدا كېچە - كۈندۈز پىرقىراۋاتاتتى؛ قۇملۇق ۋە چۆلدە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى ھاسىل قىلغان سەپ قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى؛ كۆمۈر كان مەيدانلىرىدا ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى كۆمۈر ۋە رۇدىلارنى لىق قاچىلاپ توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى...

شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى تېز بولدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 20 مىليون كىلوۋاتقا يېقىنلىشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

يېڭى يېشىللىقنى تەسۋىرلىمەكچى بولساق، گۈزەل «مەنزىرە» تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدا. ھازىر، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەرنى جۇشقۇن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدى. مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭ تەدرىجىي «يېشىل» بولۇشتىن «يېڭى» بولۇشقا يۈزلىنىپ، داغدام قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

«شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلاشتى»، يېشىل ئېنېرگىيە جانلاندى

«داۋانچىڭنىڭ يولى قاتتىق، تاۋۇزى بەك تاتلىق...» كۆپ يىل ئىلگىرىكى بۇ خەلق ناخشىسى بىلەن داۋانچىڭ ھەممىگە تونۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، غەربىي شىمالدىكى بۇ كىچىك بازار «جۇڭگودىكى شامال جىلغىسى» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشتى.

«دەل داۋانچىڭنىڭ مول شامال ۋە يورۇقلۇق بايلىقىنى كۆزلەپ، خۇاديەن شىمالىي شىنجاڭ ئۈرۈمچى 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى بۇ يىل بۇ يەردە قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.» شىنجاڭ خۇاديەن ۋېيخۇلياڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شى شياۋلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بازا دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرى بولۇپ، تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن تۈرلۈك تېخنىكا، ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.

قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئۈستۈنلۈكىدىكى پايدىسىز شارائىت دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى، زامانىۋى پەن - تېخنىكا بۇ قاراشنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇشتىكى ئەۋزەل رايونغا ئايلاندى. بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 84 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

تەرەققىياتنىڭ «شامال ئېغىزى»غا يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تېز قەدەم بىلەن كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىشكە قاراپ ئاتلاندى.

«نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قومۇل، شەرقىي جۇڭغار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىمنى چۆرىدىگەن يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئىبارەت 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئۈچ يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلدى.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جېڭ زىۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ يەنە قومۇلنىڭ شىمالى، چاقىلىق قاتارلىق 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىلىرىنى تېز قۇرۇۋاتىدۇ.

ئېنېرگىيە ئېچىشتا «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ»، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلىدى.

ماتېرىيال سېلىش، قىزدۇرۇش، تاياقچىنى سوزۇش... شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئۈنۈملۈك N تىپلىق چوڭ ئۆلچەملىك يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تۈرى − قومۇل چىڭديەن كىرېمنىي كەسپى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ماتېرىيالى 1400 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يەككە كىرىستاللىق پېچتا، كۆپ خىل ئىش تەرتىپىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇنلۇقى 3.8 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 400 كىلوگىرام كېلىدىغان يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىگە ئۆزگىرىۋاتاتتى. چىڭديەن كىرېمنىي كەسپى شىركىتى تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بۆلۈمىنىڭ ئالىي دىرېكتورى چىن شيەندۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈر بۇ يىل 6 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى يورۇقلۇق ۋولت ياسىمىچىلىق كەسپىگە ئىشلىتىلىدۇ.

«قومۇل شەھىرىنىڭ خام ماتېرىيالى بولغان كىۋارتىسنىڭ مۆلچەرىي بايلىق مىقدارى 34 مىليون 350 مىڭ توننا بولۇپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.» قومۇل شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دوۋ رېنسەي مۇنداق بىلدۈردى: رايوننىڭ بايلىق، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەل شارائىتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك يېشىل توكتىن پايدىلىنىش بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

يورۇقلۇق ۋولت زاپچاسلىرى، شامال گېنېراتورى، ياپراقچە، مۇنارسىمان سىلىندىر... شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ مەھسۇلات تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، كەسىپ زەنجىرى تېز مۇكەممەللەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تېز ئاشقان، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %40، %21.2، %27 ئاشقان؛ ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى كەسىپ زەنجىرىدە بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك بولۇپ، شامال كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، تىرانسفورموتور قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %30.2، %15.4 ئاشقان.

شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا، ئاق رەڭلىك چاقپەلەك «ئورمىنى»، قاتار - قاتار كەتكەن كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى «دېڭىزى» دائىم ئۇچرايدىغان مەنزىرىگە ئايلانماقتا.

«ھىدروگېن» شامىلى ئېنېرگىيە «ساقلاش» تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

نۇرغۇن كىشى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنىڭمۇ «رەڭ»گە ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

تاشقاتما يېقىلغۇسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان كۈل رەڭ ھىدروگېنغا سېلىشتۇرغاندا، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ئالىدىغان ھىدروگېن يېشىل ھىدروگېن دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدە ئاساسەن دېگۈدەك كاربون قويۇپ بېرىلمىگەچكە، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى بولۇپ قالدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان كۇچا شەھىرىدە، تەخمىنەن 900 پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ زاۋۇت رايونىغا يەتكۈزمەكتە، بۇ، ھىدروگېن گازى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يېشىل ھىدروگېن تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يەتكۈزۈلۈپ، نېفىت ئايرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈل رەڭ ھىدروگېننىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ. «بىزنىڭ ھەر يىلى 20 مىڭ توننا يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز بار، ھەر يىلى 485 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىمىز، بۇ، 300 مىڭ تۈپ كۆچەت تىككەنگە باراۋەر» دېدى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنشىڭ شىنجاڭ يېشىل ھىدروگېن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى فەن لىنسۇڭ.

ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات يۆنىلىشى. 2023 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يەنە تۇنجى تۈركۈمدىكى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، شىنجاڭ جۇڭتۇڭ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى ياسىغان تۇنجى ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق ئاپتوبۇس ئۈرۈمچىدە رەسمىي پۈتتى؛ قومۇل شەھىرى ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش - قاچىلاش بىر گەۋدىلەشكەن پونكىتتىن ئىككىنى قۇرۇپ، ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن 35نى، ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن يەتتىنى تىجارەتكە كىرىشتۈردى؛ غۇلجا شەھىرى بۇ يىل 3 - ئايدا يۇقىرى ساپلىقتىكى ھىدروگېن گازى ئىشلەپچىقاردى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئونى يولدا سىناق قىلىندى ... نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ زەنجىرىدە ئالتە تۈر قۇرۇلۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولدى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى خىمىيە سانائىتى، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى.

يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش گېنېراتورىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق بايلىقنى تەڭشەش ئېھتىياجى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى. شىنجاڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى تىپتىكى ئېنىرگىيە ساقلاش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە.

جىنفېڭ تيەنرۇن داۋانچىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيە ساقلاش 2 - ئېلېكتىر ئىستانسىسى قوماندانلىق مەركىزىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسى چوڭ ئېكرانىدا تۈرلۈك ھالقىلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى. مەسئۇل كىشى سۇن يىجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى سودا خاراكتېرلىك يۈرۈشتۈرۈلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 14 ئېنېرگىيە ساقلاش باتارېيە بۆلۈمچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش، چاستوتىسىنى تەڭشەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمال سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا نۇرغۇن تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى: باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە گەۋدىلىك يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىدە ئىش باشلاندى، شىنجاڭدىكى تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلايدىغان لىتىي باتارېيە ئېلېكتىر ئۆزىكى تۈرىدە ئۈرۈمچىدە ئىش باشلاندى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىلىق ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى ... بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 6 مىليون 979 مىڭ كىلوۋات/ 23 مىليون 440 مىڭ كىلوۋات سائەت بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇشىدا قەدەم پۇختا بېسىلدى.

تۆۋەن كاربونلۇق، پاكىز ئېنېرگىيە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى

«يېڭى بولۇش»قا يۈزلىنىپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، «شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى» چەكسىز بولدى. پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى ئېنېرگىيە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «يېشىل تەگلىك»نى پۇختىلاپ، كەڭ ئەمەلىي قوللىنىش ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

«تەخمىنەن يەتتە دەقىقە! يەنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا جېڭجوۋ شىنجاڭنىڭ توكىنى ئىشلىتەلەيدۇ. قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى تىيانشان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى شۈن چۈەنباۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۈر بولۇپ، توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 8 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ، سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن ئاشىدۇ.

2010 - يىلى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 800 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، توك يەتكۈزۈش دائىرىسى 20 ئۆلكىنى قاپلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش نىسبىتى %30كە يېقىننى ئىگىلىدى، بۇ، 69 مىليون 570 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 188 مىليون توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بازىلىرىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشتى.

دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، تارىم نېفىتلىكىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت تۈرى بويىچە توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى.

«2023 - يىلىدىن ھازىرغىچە، نېفىتلىك ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى جايدا ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 300 مىڭ كىلوۋات كېلىدىغان مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تۆتنى قۇردى.» تارىم نېفىتلىكى يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لېي تىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بارغانسېرى كۆپ ئىشلەپچىقىرىش مەيدان - پونكىتلىرى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئەنئەنىۋى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ نېفىت، تەبىئىي گاز ئالماقتا، نېفىتلىك «نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى»دىن ئىبارەت كۆپ ئېنېرگىيە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يېڭى ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلماقتا.

«ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»تىن تەركىب تاپقان شىنجاڭنىڭ تاغلىرىدا ئالتۇن، مىس، ئويمانلىقلىرىدا نېفىت، كۆمۈر بار، ھەممە يەردە «شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى» بار، مول «ئاساس» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى كۈچلۈك تايانچقا ئايلانماقتا.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى خوتەن ۋىلايىتى قۇم - بوراننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇنى «كۈندە ئىككى سەر توپا يەيمىز، كۈندۈزى يەتمىگەندەك كېچىسىمۇ تولۇقلاپ تۇرىمىز» دەپ تەسۋىرلىگەن. يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، «يورۇقلۇق ۋولت + يېزا ئىگىلىكى» قۇم تىزگىنلەش تۈرى شۇ جايدىكى ئاممىغا ئېكولوگىيە ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە، زامانىۋى چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە پارچە - پارچە «يېشىل توسۇق» بەرپا قىلماقتا. «يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر ئەتراپىدا، يانتۇلۇق بۇلۇڭى 33 گىرادۇس كېلىدۇ. تۈر لايىھەلەنگەن دەسلەپكى مەزگىلىدىلا، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىغا بوشلۇق قالدۇرۇلغان». جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى جۇڭنەن تەكشۈرۈپ ئۆلچەش - لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر مۇئاۋىن دىرېكتورى شيې شيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «كېلەر يىلى ئەتىيازدا، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاستىدىكى قۇملۇققا كۆپلەپ بېدە تېرىپ، توك تارقىتىش، يېزا ئىگىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇش، قۇم تىزگىنلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

شامال گېنېراتورى ياساشتىن يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقىچە، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇشتىن ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، شىنجاڭنىڭ مول «شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى» كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، پۇقرالارنى ئىشىكى ئالدىدىلا «ھەميېنىنى تومپايتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ دۇڭفاڭ شامال ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار شامال كۈچى توك چىقىرىش ياپراقچىسى ۋە ئاساسىي ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ئايدا 7000 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىمەن، ئىش ئورنۇم ئۆيگە يېقىن» دېدى كارخانىدا ئىشلەيدىغان بوستان يېزىسى بوستان كەنتىدىكى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى قەمىردىن.

بۇ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينى 600دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىلا شۇ جايدىكى 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلدى.

ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، ئېكولوگىيە ياخشىلاندى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى ... «يېڭى بولۇش»نى قوغلىشىش، «يېشىل بولۇش» ئۈستىدە ئىزدىنىش يولىدا، شىنجاڭنىڭ «شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى» ھېكايىسى داۋاملىق قالتىس يېزىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.