شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز دېيىلىدۇ) 2024 - يىلى توشۇش كۆلىمى 500 قېتىمدىن ئاشتى، يۈك توشۇش مىقدارى 440 مىڭ توننا بولۇپ، تەخمىنەن 12 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
2023 - يىلى، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلەشتى ھەم شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت كۇرسلۇق نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا سالدى، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى تىجارەتكە مەسئۇل بولدى. شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ماللارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق تىرانسپورت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ئىقتىساد سودا يولى بەرپا قىلدى.
شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نۆۋەتچى پويىز ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ يۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ماڭىدىغان تۇنجى نۆۋەتچى پويىزى ئوڭۇشلۇق يولغا چىقتى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر چارشەنبە بىر نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقىشتەك مۇقىم قېتىم سانى بويىچە قاتنىدى، يۈرۈش ۋاقتى ئادەتتىكى نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتىدىن %60تىن كۆپرەك قىسقاردى.
6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىز رۇسىيە (موسكۋا) لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناپ، جۇڭگو - ياۋروپا يۆنىلىشىدىكى «0»دىن «1»گىچە بولغان بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۈرۈمچى - قەشقەر شىمالى - ئۆزبېكىستان «تىيانشان ناملىق» تۆمۈريول - تاشيول كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، چېگرا ھالقىغان كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ «بىر تالون تۈزۈمى» «بىر يۈك ساندۇقى تۈزۈمى» بويىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىنجاڭ قۇرۇقلۇق پورتى تىيانشان ناملىق» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى ۋە «شىنجىگاڭ» شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت باشقۇرۇش سىستېمىسى سۇپىسىنى قۇرۇپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خېرىدارلارنى نۆۋەتچى پويىز بۆلمىسى زاكاز قىلىش، خىراجەتنى سۈرۈشتۈرۈش، سودىنى راسچوت قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، نۆۋەتتە شىنجاڭ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزىدا «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، 13 مىڭ 105 گۇرۇپپا پويىز قاتنىدى، بۇ، شۇ مەزگىلدىكى قاتناش مىقدارىنىڭ %88.77ىنى ئىگىلىدى.