□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن
ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 2024 - يىلدا، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى سانسىزلىغان دەقىقىلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ −
تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاشتا ئاسىيا رېكورتى يېڭىلاندى؛ دۆلەت شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 2500دىن ئېشىپ، سانى ۋە ئېشىش نىسبىتىدە بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى...
ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئەستايىدىل كىشىلەر شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاسانلا بايقىيالايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پەن - تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر يول». ئۇ ئالاھىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «قانچىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ».
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىدا يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى يولىدا مېڭىشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ ئۆزگىرىش:
پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش «كۈچىيىش ئۈنۈمى» ئېلىپ كەلدى
ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پەن تەتقىقات ئاساسى ئاجىز، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتەرسىز، تۇرمۇش، خىزمەت مۇھىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولۇپ كەلگەنىدى... يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى ۋە شارائىتى بارمۇ؟ نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆڭلىدە مۇشۇنداق گۇمان پەيدا بولغانىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرى قەتئىي بولدى: شىنجاڭ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قاتمۇقات ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قەيەر ئاجىز بولسا شۇ يەرنى كۈچەيتىپ، قايسى تۈردە يېتەرسىزلىك بولسا شۇنى تولۇقلاپ، قايسى جەھەتتە جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولسا، ئامال قىلىپ ئۇنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىشى كېرەك...
2024 - يىلى كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ شىركەتنىڭ كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش (UCG) سىنىقىدا ئوت يېقىش بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم 1000 مېتىر چوڭقۇر يەر ئاستىدىكى كۆمۈر قاتلىمىنى ئۆز ئورنىدا گازلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈر تېخنىكىسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى دەل شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغانلىقىنىڭ رېئال كارتىنىسى.
يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى بىر رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى، ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. ئۇزاقتىن بۇيان، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك ئىدى.
2022 - يىلى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى 2 مىليارد يۈەنلىك پەن - تېخنىكا پىلانى تۈر مەبلىغىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر كۆپ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 2 مىليارد يۈەنلىك پەن - تېخنىكا پىلانى تۈر مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
2022 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا پىلانى تۈر مەبلىغى ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 مىليارد 967 مىليون يۈەن بولدى، بۇ، «13 - بەش يىل»لىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تۈرى خىراجىتى سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى سىجىل ئېشىپ، دىققەت شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرى كەينى - كەينىدىن يولغا قويۇلدى. 2022 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرى ۋە نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپىسى مەخسۇس تۈرىدىن 320نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مالىيە پەن - تېخنىكا مەبلىغى ئارقىلىق 1 مىليارد 576 مىليون يۈەن مەدەت بەردى.
ئۆستەڭ سۈيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك؟ چۈنكى مەنبە ئېقىن سۈيىدىن ئۈزۈلمەي سۇ ئېقىپ كىرگەچكە. پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى خۇددى مەنبە ئېقىن سۈيىگە ئوخشاش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتتى. پەقەت 2023 - يىلىدىلا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلتىماس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك تۈرلۈك تۈرلەر 2022 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50كە يېقىن ئېشىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كىشى بېشى پەن تەتقىقات خىراجىتىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ كۆپىيىشى ئېلىپ كەلگەن «كۈچىيىش ئۈنۈمى» تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي تارقالدى: يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىياللىرى ۋە باتارېيە بويىچە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، جۇڭگو - تاجىكىستان جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى چوڭقۇر بولدى، ئەمەلىي بولدى ...
ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان «جۇڭگونىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى باھالاش دوكلاتى 2024»تە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپتە ئىلگىرىكى 30 - ئورۇندىن 27 - ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن. دوكلاتتا «شىنجاڭ غەربىي قىسىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى تىپ بولۇپ قالدى» دەپ باھا بېرىلگەن.
ۋەزىيەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ يېڭى نەتىجە يارىتىش:
«يېقىندىكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلىش» يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى تېز شەكىللەندۈرۈلدى
دەرەخ چوڭ بولۇپ كۆككە تاقاشسىمۇ، مۇنبەت سۇ - تۇپراقتىن ئايرىلالمايدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ گۈللىنىشكە يۈزلىنىشى ياخشى ئېكولوگىيەدىن كېلىدۇ.
11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دەل ھەپتە ئاخىرى ئىدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزى تەجرىبىخانىسىدا قوغۇن - تاۋۇز فۇنكسىيەلىك گېن گۇرۇپپىسى ئىلمى ۋە گېننى تەھرىرلەش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ بىن تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنى رەتلەۋاتاتتى، ئۇ سەنيانىڭ جەنۇبىدىكى سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن ئەمدىلا شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەنىدى.
ليۇ بىن 2022 - يىلى ئاپتونوم رايون كىرگۈزگەن «بوغدا كۆلى پىلانى»دىكى باشلامچى ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، شىنجاڭ بىشەكچى قوغۇنىنى ساقلاش مۇددىتى قىسقا بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، ئېرسىيەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق، يېيىشلىك ھەم ساقلىغىلى بولىدىغان بىشەكچى قوغۇنى پات ئارىدا يېتىشتۈرۈلۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلىدۇ.
ليۇ بىن دوكتور ئاشتىلىقنى تۈگىتىپ چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قالتىس پەن تەتقىقات كەچۈرمىشى بولغاچقا، نۇرغۇن تاللاشقا دۇچ كەلدى، لېكىن ئۇ يەنىلا شىنجاڭنى تاللىدى، ئۇنى جەلپ قىلغىنى دەل شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ھاياتىي كۈچكە تولغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ئىدى −
دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ تۈپ مەنبەسى ئادەمدە.
غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ چىن قەلب، سەمىمىيلىك بىلەن جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلدى. 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» پىلانىدا يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە 1063 كىشى باشلامچى ئىختىساسلىق ۋە داڭلىق ئۇستاز، داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر، دەپ باھالىنىپ، 48 يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىغا مەدەت بېرىلدى. «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» پىلانىدا ئالىي، قابىل، سەرخىل، كەمچىل بولۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، كۆز ئالدىدىكى جىددىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىندى، ئۇلار تاللانغاندىن كېيىن، 200 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بولغان بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ھەر يىلى 300 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە بولغان خىزمەت خىراجىتى ئىقتىسادىي ياردىمى بېرىلىدۇ، خىزمەت خىراجىتى جەھەتتە ئادەتتە ئۇدا ئۈچ يىل مەدەت بېرىلىدۇ.
ئىچكى جەھەتتە يېتىشتۈرۈش سالمىقى زورايتىلىپ، تاشقى جەھەتتە زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈلۈپ، جانلىق سىياسەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار مايىل قىلىنىپ ئېلىپ قېلىندى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنى مىسالغا ئالساق، 2023 - يىلىدىن بۇيان، بۇ ئورۇن 100گە يېقىن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقنى كىرگۈزدى، سانى ئۆتكەن يەتتە يىلدا كىرگۈزگەن ئىختىساسلىقلار سانىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولدى.
ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پەقەت بىرىنچى قەدەم، تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق بولغىنى ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش.
شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدىكى «بىكار قىلىش» بىلەن «ئورنىتىش»نى كۆزدە تۇتۇپ، ھوقۇق بېرىپ باغلاقنى بوشىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن 31 تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىلىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى جەدۋەل تولدۇرۇش، ئاتچوت قىلدۇرۇش، باھالاش قاتارلىق مۇرەككەپ لاۋازىمەت خاراكتېرىدىكى خىزمەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، قىممەتلىك زېھنىنى پەن تەتقىقاتقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛ پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، تۇرالغۇ كاپالىتى، جورىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور بىر تۈركۈم «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلىرى» ھەل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ غېمى تۈگىتىلىپ، شىنجاڭدا خاتىرجەم تۇرۇش، خاتىرجەم بولۇش، خاتىرجەم ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پەن - تېخنىكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئالغا سىلجىتىلدى. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پەن - تېخنىكا كومىتېتىنى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى؛ شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھىنى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىختىساسلىقلار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى؛ مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى.
يېقىندا ئېچىلغان شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بىر قاتار ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلدى. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان، زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندى.
كۈچلۈك بولۇشقا ئاتلىنىش:
كۈچكە تايىنىپ كۈچ توپلىنىپ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى
كۈچكە تايانغۇچىلار ئاقىل بولىدۇ، ئەقىل - پاراسەتكە تايانغۇچىلار چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، ۋەزىيەتكە تايانغۇچىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
شىنجاڭ مول نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق.
2023 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك.
ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ كەسىپ زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، بايلىق يوشۇرۇن كۈچى ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىشنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپلا قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇشى قىيىن بولغاچقا، سىرتنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلار شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق مېخانىزملار ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار ھەم يەرلىك بىلەن بىرلىكتە «4+19» دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايون، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شېنجېن شەھىرىدىن ئىبارەت «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
جياڭشى ئۆلكىسى دۇڭخۇا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى بىلەن شىنجاڭ جۇڭخې تىيانشان ئۇران كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مىكرو ئورگانىزملىق ئېرىتمىنى يەر ئاستى كان قاتلىمىغا كىرگۈزۈپ ئۇران ئېلىشتىكى بىر يۈرۈش تېخنىكىلىق ھۈنەر - سەنئەتنى ئىجاد قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى مىكرو ئورگانىزملىق ئېرىتمىنى يەر ئاستى كان قاتلىمىغا كىرگۈزۈپ ئۇران ئېلىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا مەدەت بەردى؛ جېجياڭ ئۆلكىسى جېجياڭ داشۆ لوۋ بىڭگەن كوللېكتىپىنىڭ شىنجاڭ نەشپۈتچىلىك كەسپىدە مېۋىلىك دەرەخ قۇرۇپ كېتىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىشىغا مەدەت بەردى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا كېسەللىك كۆرۈلۈش كۆلىمى ئازىيىپ، ھوسۇل 400 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئاشتى ...
شىنجاڭنىڭ مول بايلىق ئەۋزەللىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىنى مول ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى ۋە سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
1000 لەشكەرگە ئېرىشمەك ئاسان، بىر سەركەردىنى تاپماق تەس. شىنجاڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى نىشانلاپ، «ئاكادېمىكلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى سەپىرى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئاكادېمىكلارنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن «تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇش»قا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى، ئاكادېمىكلار ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاكادېمىكلار ھەم ئۇلارنىڭ كوللېكتىپىنى جانلىق كىرگۈزۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق «گالنى بۇغىدىغان» تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
شىنجاڭ كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاكادېمىكلار ھەم ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك ئېچىش، نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقئارا داۋالاش مەركىزى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى پېڭ سۇپىڭ كوللېكتىپى باشلامچىلىقىدىكى تىيانشان تەجرىبىخانىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، بۇ تەجرىبىخانا كۆمۈر قېزىشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە جابدۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ئارقىلىق، شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ كۆلەملەشكەن، بىخەتەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خەن دېمىننىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى (شىنجاڭ خەلقئارا دوختۇرخانىسى) پات ئارىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي قىسىم رايونى، ھەتتا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ...
ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى يۈ يىڭرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە توپلىنىش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بىر قىسىم ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنىڭ 100 مىليارد يۈەنلىك، 1 تىرىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشىمۇ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
باھار تۈسىنى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدۇ، باھار شامىلى سىيپاپ ئۆتكەندە، ھەممە گۈللەر ئېچىلىپ رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىدۇ، ھەممىلا يەردە باھار مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېپيېڭى قىياپەتتە دۇنيادا نامايان بولدى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇش قەدىمى مەردانە بېسىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.