تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش | مەملىكەت بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى سېتىش سوممىسى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 24كىچە، 29 مىليون 638 مىڭ ئىستېمالچى سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن 45 مىليون 850 مىڭنى سېتىۋالغان بولۇپ، 201 مىليارد 970 مىليون يۈەنلىك سېتىش كىرىمىگە تۈرتكە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1- دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشقان.

  كېيىنكى قەدەمدە، سودا مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ليۇ يىڭ، سۇڭ ۋەن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.