تيەن جىڭۋېن
گۈزەل چاغلار ھامان قىسقا بولىدۇ. باھار بايرىمىلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلى، مەن تېخى ئائىلە تۇيغۇسى ۋە باھار بايرىمىنىڭ ھىدىغا قانماي تۇرۇپلا ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، 70 ياشتىن ئاشقان ئانام توختىماي: «سىلەر نېمىشقا بۇنچە ئالدىراپ قايتىسىلەر؟» «سىلەرنىڭ دەم ئېلىشىڭلار قىسقا، بالىلىرىڭلار ئۆيدە يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرسۇن!» دەپ سۆزلەشكە باشلىدى.
ئانام ھەر قانچە قىيالمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ قايتىش قارارىغا كېلىپ كېلىپ بولغانلىقىمىزنى كۆرۈپ، ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كەينىگە ئۆرۈلۈپ، تامدىن ئادەتتە تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمايدىغان سولياۋ خالتىنى ئېلىپ، ئىككى قولى بىلەن خالتىنىڭ ئىككى بۇرجىكىنى تۇتۇپ، خالتىنىڭ ئاغزىنى تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچەپ بىر نەچچە قېتىم سىلكىدى، خالتىنىڭ پاكىزلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ بىزگە ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش، توخۇ گۆشى، دۇفۇ، سۇڭپىياز، سامساق مايسىسى قاتارلىق باھار بايرىمىلىق ماللارنى سېلىشقا باشلىدى.
«ئانا، ئازراق سېلىڭ، بىز كۆپ يېمەيمىز»، دېدىم مەن نەرسىلەرنى يىغىشتۇرغاچ.
ئانام مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك، خالتىغا نەرسە قاچىلاۋەردى. ئۇ لىق بىر خالتىنى توشقۇزۇپ بولۇپ، يەنە بىر خالتا تېپىپ كەلدى، ئەڭ ئاخىرىدا لىق ئۈچ خالتىنى توشقۇزدى ... بارلىق باھار بايرىمىلىق يېمەكلىكنىڭ ھەممىسىدىن قاچىلىدى.
بىز نەرسە- كېرەكلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندۇق، ئانام كەينىمىزدىن ئەگىشىپ، يەنىلا توختىماي: «ھەپتە ئاخىرىدا يەنە كېلىڭلار!» «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلىشىغا تېخى بالدۇر، بولمىسا ئۆيدە بىر نەچچە كۈن ئارتۇقراق تۇرۇڭلار!» دېدى.
شۇ تاپتا ئانامنىڭ كوتۇلداشلىرىنىڭ خۇددى غايەت زور ماگنىتقا ئوخشايدىغانلىقىنى، كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر قەدەم تاشلىشىمنىڭ قاتتىق ئىرادە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلدىم.
خېلى مېڭىپ بولغان بولساقمۇ، ئانام يەنىلا بىزنى ئۇزىتىپ، ئەگىشىپ كېلىۋەردى.
«ئانا، قايتىپ كېتىڭ»، دېدىم.
«ئانا، بولدى ئۇزاتماڭ»، دېدى ئايالىممۇ.
«موما، خوش»، دېدى قىزىم كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئانامغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتقاچ.
ئانام ئاغزىدا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىزگە ئەگىشىپ مېڭىۋەردى.
«بولدى ئۇزاتماڭ، تېز قايتىپ كېتىڭ»، مەن بىر خىل تاقەتسىزلىك تەلەپپۇزىدا ئانامغا دېدىم.
مېنىڭ گېپىم ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئانام قەدىمىنى ئاستىلاتتى، بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن قەدىمىنى توختاتتى. مەن ئۇنىڭ قورۇق باسقان يۈزىنى قىيالماسلىق ئىگىلىگەنلىكىنى كۆردۈم، لېكىن ئۇنىڭ تۇتۇپ قېلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە، شۇڭا يەنە چىرايىنى ئامالسىزلىق قاپلىغانىدى.
دوقمۇشتا، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئانامغا قارىدىم. ئۇ يەنىلا شۇ يەردە تۇرۇپ، رېماتىزملىق مۈرە ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىلىكىنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ، بىزگە قاراپ توختىماي قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى. ۋاقىت چەكسىز، ئانا مېھرى مەڭگۈلۈك. سوغۇق شامالدىكى ئانامنىڭ سىيماسىغا قاراپ، قەلبىم ئىللىپ، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تاراملاپ ئاقتى.
«دادا، مېنىڭ تورت سېتىۋالغۇم بار، ھەپتە ئاخىرىدا مومامغا ئاپىرىپ بېرەي»، دېدى قىزىم كەينىگە ئۆرۈلۈپ.
«بولىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ھەممىمىز بارايلى»، دېدىم مەن تەنتەنىلىك ھالدا قىزىمغا.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ياڭشيەن ناھىيەلىك ئىقتىساد- سودا ئىدارىسى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى