ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە قېتىم ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟
ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبيېكتى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار يېشى چوڭ، مېيىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئۇدا ئىشسىز قالغىنىغا بىر يىل بولغان ھەم ئۇنىڭدىن ئاشقان قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان تىزىملانغان ئىشسىز خادىملارنى كۆرسىتىدۇ، كونكرېت دائىرىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ ھەم جانلىق تەڭشەيدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەمگەك يېشىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئىشسىزلىق ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى ئائىلىسىدىكى تىزىملانغان ئىشسىز خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.
ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئاشمايدۇ، پېنسىيە يېشىغا توشۇشقا بەش يىل قالمىغان خادىملارنىڭ پېنسىيەگە چىققۇچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ياردەم تولۇقلىمىسى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنىلا باشقا يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان چوڭ ياشلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى خادىملار، ئېغىر مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار خادىملار تەرتىپ بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ئارقىلىق قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولىدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسى مۇددىتى قايتا ھېسابلىنىدۇ، جەمئىي ئورۇنلاشتۇرۇش قېتىم سانى پىرىنسىپ جەھەتتە ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى