«چاشى دۆلەت ئورمان باغچىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
خەۋەر ئېلان قىلىپ
چاشى دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ
قىش پەسىللىك يېپىق مەزگىلگە كىرىپ
سىرتتىن ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى
كەڭ ساياھەتچىلەر، ساياھەت مۇساپىسىنى مۇۋاپىق تەڭشىگەيسىز
ماتېرىيال سىن
چاشى دۆلەت ئورمان باغچىسى
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدە تەۋەسىدە بولۇپ
ناھىيە بازىرىغا 72 كىلومېتىر كېلىدۇ
ئۇ تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ تاغ ئارىسىدىكى جىلغا ئويمانلىقى
ئۇنىڭ شەرق - غەرب ئىككى تەرىپى پاكارراق تاغ بولۇپ
شەرق تەرەپتىكى تاغ تىزمىلىرى ياپيېشىل ئوت - چۆپلۈك
غەرب تەرەپتىكى تاغ تىزمىلىرى بولسا ياپيېشىل قارىغايلىق
تاغ چوققىلىرى بەھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مۇز تاغ غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ
چاشى دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى. ئەخمەت مەمەت فوتوسى
چاشى دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ ئاساسلىق مەنزىرىلىرىدىن
چاشى شارقىراتمىسى، يەنزى كۆۋرۈكى، ئورمان دېڭىزىدىكى قارىغايلار
ئون ئۈچ قېرىنداش دەرەخ، شىمېن مەجنۇنتال قاتارلىقلار بولۇپ
سالقىنداپ دەم ئېلىپ داۋالىنىدىغان ۋە يايلاق خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىدىغان ساياھەت رايونى
شۇنداقلا رەسىم سىزىش ۋە فوتو سۈرەت سەنئەتكارلىرىنىڭ شادلىق باغچىسىدۇر
ئورمان دېڭىزىدىكى قارىغايلار (ماتېرىيال رەسىم). مەنبەسى: ئىلى گېزىتى شېئىر-رەسىم كەبى ئىلى
بۇلۇتقا تاقىشىدىغان يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان
قېلىن، سىلىق ئوتلاق
چاشىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن سىز گويا كىنو كۆرۈنۈشلىرىگە كىرىپ قالغاندەك بولىسىز
تاغ - دالىنى قاپلىغان ياۋا گۈللەر ۋە ئوتلاپ يۈرگەن قوي - كالىلار
يىراقتىكى قارلىق تاغ، كۆك ئاسمان، يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياش
ھەر بىر مەنزىرە كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ
ماتېرىيال سۈرەت. مەنبەسى: توققۇزتارا نۆل ئارىلىق
چاشى دۆلەت ئورمان باغچىسى ۋە تەلىم مەنزىرە رايونى
يەنە 33 كىلومېتىرلىق چاشى-تەلىم ئايلانما لىنىيەسى بەرپا قىلغان بولۇپ
يول بويىنىڭ مەنزىرە قاتلاملىرى روشەن
ئوتلاق، ئورمان، ئېقىن
يەنە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرى ياخشى كۆرىدىغان سۇ كېچىدىغان يول قاتارلىقلار بار
باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا
بىز چاشىدا كۆرۈشەيلى، كۆرۈشمىسەك ھېساب ئەمەس!