تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

نېمىشقا بىر ئۇخلاپ ئويغانسام ئاغزىم مايماق بولۇپ قالدى؟ بۇ ھەقتىكى مۇھىم ئەسكەرتىش ←

  جاڭ ئەپەندى بىر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن

  جاۋغىيى سول تەرەپكە قىيسىيىپ قالغان

  دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كېيىن يۈز پارالىچى دەپ دىياگنوز قويۇلغان

  12-ئاينىڭ 5-كۈنى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى يىڭنە بىلەن داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  يېقىنقى مەزگىل يۈز پارالىچى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل

  «مەن داۋالىغان يۈز پارالىچى ئاغرىقلىرى ئىچىدە، ئەڭ كىچىكى ئاران ئۈچ ئايلىق بولغان، چوڭى 90 ياش ئەتراپىدا»، لى تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۈز پارالىچىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى يۈز نېرۋىسى پالەچلىنىش بولۇپ، يۈز نېرۋىسى زەخىملەنگەنلىكتىن يۈز مۇسكۇلى پالەچلەنگەن بىر خىل نېرۋا كەمتۈكلۈك ئالامىتى. يۈز پارالىچى ئاساسىي نېرۋا خاراكتېرلىك يۈز پارالىچى ۋە ئەتراپ خاراكتېرلىك يۈز پارالىچىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، باشنى خېسى (يادرو ماگنىتلىق رېزونانس) ياكى CTغا چۈشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز. ئادەتتە كۆپ قىسىم ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپ خاراكتېرلىك يۈز پارالىچىغا تەۋە. بۇ كېسەللىك كۈز، قىش ياكى قىش، ئەتىياز ئارىلىقىدا كۆپ يۈزبېرىدۇ، قاپلاش يېشى بىر قەدەر كەڭ. كېچىدە ئۇخلىماسلىق، چارچاش، شامالداپ قېلىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن ئامىل بولۇپ، قىزىش، ياللۇغلىنىشتىن كېيىنمۇ پەيدا بولىدۇ.

  «لېكىن بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاكتىپ مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ئاغرىقلار نورمال ئەسلىگە كېلىدۇ»، لى تاۋ مۇنداق دېدى: يۈز پارالىچىنى داۋالاش ئۇسۇلى ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي داۋالاش ئاساسىدا، يىڭنە سانجىش، ئەمەن بىلەن داغلاش، توكلۇق يىڭنە سانجىش، تومۇرلاردىن قان چىقىرىش، لوڭقا قويۇش، جۇڭيى دورىسى قايناتمىسى ئىچىش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتىدىكى ئالاھىدە داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوتتۇرىچە ۋاقتى ئىككى يېرىم ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ، بىر قەدەر ياش، تېنى نىسىبەتەن ساغلام ئاغرىقلار ئادەتتە بىر ئاي ئەتراپىدا ئەسلىگە كېلىدۇ.

  لى تاۋ مۇنداق ئەسكەرتتى: يېقىنقى مەزگىلدە ھاۋا سوغۇق، لېكىن ئۆي تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ بورانلىق ھاۋارايىدا سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش، ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا ئادەتلەنگەن ياشانغانلار شامالغا قارشى يۆلىنىشتە تۇرۇپ چېنىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، تەبىئىتى سوغۇق، خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مەسىلەن، قىش پەسلىدە ئۈزۈم، تاۋۇز، كۇگۇا قاتارلىق تەبىئىتى سوغۇق مېۋىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل قارا شېكەر چېيى، چىلان ئۇمىچى قاتارلىق ئاشقازاننى ئىللىتىدىغان دورىلىق غىزالارنى يەپ، ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر يۈز قىسمىدا نورمالسىزلىق بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ باشنى خېسى (يادرو ماگنىتلىق رېزونانس) ياكى CTغا چۈشۈرۈپ تەكشۈرۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن مۇنتىزىم داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  «تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.