تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ يۈ خەۋىرى، فوتوسى) 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، رىچارد كىلايدماننىڭ «مۇھەببەت مەڭگۈلۈك» تېمىسىدىكى پىئانىنو مۇزىكا كېچىلىكى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، رىچارد كىلايدمان تاماشىبىنلارغا بىر قاتار كىلاسسىك پىئانىنو نومۇرلىرىنى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئورۇنلاپ بەردى.
فىرانسىيەلىك پىئانىنو چالغۇچىسى رىچارد كلايدماننىڭ 40 نەچچە يىللىق كەسپىي ھاياتىدا، مۇزىكا پىلاستىنكىسىنىڭ يەرشارىۋى سېتىلىش مىقدارى 70 مىليوندىن ئاشقان ھەم 75 دۆلەتتە 2800 مەيداندىن ئارتۇق مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. «مۇزىكىنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، ئۇ تىل ۋە مەدەنىيەتتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ. جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ مۇزىكىدىن بەھرىلەندۈرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېدى رىچارد كلايدمان.
1992-يىلى رىچارد كلايدمان جۇڭگودا تۇنجى قېتىم مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندىن بۇيان، ھازىرغىچە 400 مەيداندىن ئارتۇق مۇزىكا كېچىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، چېڭدۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق 70 نەچچە شەھەرگە باردى.
12-ئاينىڭ 7-كۈنى، رىچارد كلايدمان مۇزىكا ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى
12-ئاينىڭ 7-كۈنى، رىچارد كلايدمان پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن تاماشىبىنلارغا كىلاسسىك پىئانىنو مۇزىكىسى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى
12-ئاينىڭ 7-كۈنى، رىچارد كلايدمان تاماشىبىنلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى
12-ئاينىڭ 7-كۈنى، رىچارد كلايدمان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پىئانىنو ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى
12-ئاينىڭ 7-كۈنى، رىچارد كلايدمان تاماشىبىنلارغا ئىمزا قويۇپ بەرمەكتە.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى