تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭدا قار گۈللىرى ئېچىلدى | ئۈرۈمچىدە قار-مۇز تەنتەنە پائالىيىتى قىزغىن باشلاندى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن خەۋىرى، فوتوسى ) «شىنجاڭنىڭ قار مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن! قار تېيىلغاندىكى تۇيغۇ بەك پەيزى بولىدىكەن!» دېدى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى جاڭ شىن. شۇ كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بەييۈن قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلىنىپ، قىشلىق قار-مۇز ساياھىتى قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

  12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدىكى ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويۇنى.

    باشلىنىش مۇراسىمىدا ئويۇنلار قالتىس ئورۇندالدى، قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت IP قار ئادىمى «شۆبو» تۇنجى قېتىم نامايان قىلىندى، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىق گىمناستىكىسى نومۇرى باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىدا «قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى» باش تېما قىلىنغان، پائالىيەت مەزمۇنى مول، كۆپ خىل بولۇپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى، ئاممىۋى قار-مۇز قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم قار-مۇز خوگو بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا قار ئادەم «شۆبو» نامايان قىلىندى.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قار ئادەم بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، قار تېيىلىش چاسا ئەترىتى قار تېيىلىش يولىدا رەتلىك تېيىلماقتا.

  كەسپىي قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى قار تېيىلىش يولىدا ئۇچقاندەك تېيىلىپ، تاماشىبىنلارغا ھەيران قالارلىق، ھاياجانلىق كۆرۈش سەزگۈسى ھۇزۇرى ئېلىپ كەلدى؛ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئورتاق قاتنىشىشقا ماس كېلىدىغان قار-مۇز قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قار ئادەم ياساش، قار ئېتىشىپ ئويناش، قاردا ئارغامچا تارتىشىش، قاردا چاق دومىلىتىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر قار-مۇز دۇنياسىدا قانغۇچە ئوينىيالايدۇ.

12-ئاينىڭ 7-كۈنى، 22-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، ساياھەتچىلەر قارلىق دالا خوگوسىنى تېتىماقتا.

  ​غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش رايونى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. نەپىس ئېمال، كەمپۈت قىيامىدا شەكىل چىقىرىش، قەغەز قىيما قاتارلىقلاردىن ساياھەتچىلەر قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. كۆرگەزمە رايونىدا تىنچ ھالەتتە نامايان قىلىشتىن سىرت يەنە، يەنە ھەمتۈرتكە ھالقىسى تەسىس قىلىندى، ساياھەتچىلەر ئۆز قولى بىلەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كىچىك بۇيۇملىرىنى ياساپ، قار-مۇز دۇنياسىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى بىرنەچچە ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە قار-مۇزدا مارافون يۈگۈرۈش، قار-مۇز چوڭ بۇتخانا سەيلىسى، كوچا ئويۇنى مۇسابىقىسى ۋە كۆرك، قار-مۇز مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە داۋاملىق مول، رەڭدار قار-مۇز تەسىراتى ئېلىپ كېلىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.