تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قىشتا كۈنەس ناھىيەسىدە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن لەنمېي مېۋە بېرىشكە باشلىدى

​12-ئاينىڭ 3-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسىدىكى لەنمېي ئۆستۈرۈش پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىكى پارنىكتا، بەزى لەنمېي چېچەكلىرى تۆكۈلۈپ، ياپيېشىل مېۋە بەردى. كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسىنىڭ لەنمېي ئۆستۈرۈش پەن-تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تۈرى ياڭجوۋنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مەبلەغ سالغان يېزا ئىگىلىك تۈرى بولۇپ، 24 پارنىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆستۈرۈش كۆلىمى 9600 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بازا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىگە كۆرۈنەرلىك پايدا ئېلىپ كەلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ۋېنتىڭ)

بازىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، لەنمېينىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلدى. ھازىر، بازىدىكى ئۈچ پارنىكتا لەنمېي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈرۈلدى ھەم سۇ، ئوغۇت سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆسۈش مۇھىتىنى تەڭشەش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇھىت ئاسرايدىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 

باشقۇرغۇچى خادىملار سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.