تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇلۇت ۋە تۇماندىن تۈس ئالغان چۆچەك كەبى بورتالا شەھىرى

   جىمجىتلا ياغقان قېلىن قار بورتالا شەھىرىنى چۆچەك كەبى خىيالىي دۇنياغا ئايلاندۇردى. كەچكى شەپەق ئۇپۇق سىزىقىدىن ئەمدىلا غايىب بولۇشىغا، بىر قەۋەت سۇس تۇمان ئاستا-ئاستا يېتىپ كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى مۇلايىملىق بىلەن باغاشلىدى.

   تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، كوچا چىراغلىرى سۇس تۇمان ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ، يېقىملىق ھەم رەڭدار نۇر تارقىتىپ، ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىگە بىر قەۋەت خىيالىي تۈس قوشتى.

   چىراغ نۇرى بىلەن تۇمان گىرەلىشىپ، خۇددى كۆچمە يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاش قىش كېچىسىنىڭ جىمجىتلىقى ۋە سىرلىقلىقىنى مۇلايىملىق بىلەن بايان قىلىپ تۇراتتى.

   بۇ چۈش كەبى خىيالىي گۈزەل دەقىقىنى فوتوگراف جاڭ يەنشېڭ بىلەن سۈن شۈچياڭ كامېرا ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ساقلاپ قالدى.

     مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى 

 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.