تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مارالبېشىدا پارنىكلاردا شوخلا ھىدى تارىلىپ، بەس-بەستە پىشىپ بازارغا سېلىندى

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى كۆكتات پارنىكىدا قاتار-قاتار يېشىل شاخلار ئارىلىرىغا يۇمىلاق ھەم ئەتلىك شوخلىلار ئېسىلىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر نۇرئەلا)

  يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى شوخلىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  شوخلىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.