مۇخبىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە
ئىلى دەرياسى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ 1-كۆۋرۈكتىن 3-كۆۋرۈككىچە بولغان رايون يولىدا
12-ئاينىڭ 9-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلانغان بولۇپ
شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر
ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلالايدىكەن
ئىلى دەرياسى ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش(ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: ئىلى خەۋەرلىرى تورى
ئىلى دەرياسى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 40.75 كىۋادرات كىلومېتىر، يادرولۇق پىلاندىكى تەرەققىيات رايونى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى 1-كۆۋرۈكتىن 2-كۆۋرۈككىچە تەخمىنەن 3 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 1-كۆۋرۈكتىن 3-كۆۋرۈككىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 18.4 كىلومېتىر كېلىدۇ. 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، 1-كۆۋرۈكتىن فاڭساۋخۇ رايونىغىچە ئالدى بىلەن قاتناش باشلىنىدۇ، قاتناش لىنىيەسى بويىدىكى 400دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، يول بويىدىكى يول بەلگە سىزىقى، بەلگە تاختىلىرى تولۇق پۈتتى.
مەنبە: غۇلجا شەھىرى نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
مەنبە: غۇلجا شەھىرى نۆل ئارىلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
مەنزىرە رايونىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن
1-كۆۋرۈكتىن 3-كۆۋرۈككىچە بولغان مەنزىرە يولى رايونىنى
مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، خەنبىڭ يېزىسى، بايانداي بازىرى
يېڭىيەر بازىرى رايونلار بويىچە ئايرىم-ئايرىم باشقۇرىدۇ
كەسىپ تىجارىتىنى غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قارىمىقىدىكى
غۇلجا شەھىرى سەينىڭچېن ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۈرۈشتۈرىدۇ
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى