ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى
12-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكەتلىك ساياھەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، 46 ئورۇننى 3-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەتتىكى ئۈلگە ئورۇن دەپ بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن ئىككى ئورۇن بار.
تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن ئىككى ئورۇن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي ئورنى، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى ئىكەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزىي ئورنى. سۈرەت: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي ئورنى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېي-ئورنى 2017-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 18 مىڭ كىۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە زالىنىڭ كۆلىمى 9000 كىۋادرات مېتىر، ھازىر مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق(يۈرۈش) بولۇپ، تارىخ، سەنئەت، خەلق ئۆرپ-ئادىتى، تەبىئەت بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك مۇزېي ھېسابلىنىدۇ. مۇزېي ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي ئورنى «قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممەتنى قېزىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يىغىپ ساقلاش، ساقلاش-باشقۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەشۋىقات-تەربىيە ئىقتىدارىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ مول مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ تەرەپتىن ئېچىپ بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىغا گۇۋاھ بولدى.
باغراش كۆلى مەنزىرىسى. سۈرەت باغراش نۆل ئارىلىقتىن ئېلىندى
باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى يەنجى ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى باغراش ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 988 كىۋادرات كىلومېتىر، كۆل مەركىزىدىكى ئۈچ ئېگىزلىك كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا شۇنداق ئاتالغان، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى. باغراش كۆلى قارلىق تاغ، كۆل، بوستانلىق، قۇملۇق، غەلىتە قۇشلار، غەلىتە ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشاپ، ئورتاق گۈللىنىپ، بىر-بىرىگە تۈس قوشۇپ، مول، رەڭدار مەنزىرە يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغان. باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى ياخشى قوغداش بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونى يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاس بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قوللاپ، دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئويۇنى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرگۈزۈش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇردى.
ھازىرغا قەدەر، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي ساياھەتتىكى ئۈلگە ئورۇندىن 159ى باھالاپ بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا يەتتە ئورۇن بار.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «مەدەنىي ساياھەتتىكى ئۈلگە ئورۇنغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە باھا»غا ئاساسلانغاندا، مەدەنىي ساياھەتتىكى ئۈلگە ئورۇنلار مەدەنىي ساياھەتكە پائال تۈرتكە بولغان، ساياھەتچىلەرنى يېتەكلەش ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرىنى مەدەنىي ھەرىكەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگىلىك خاراكتېرگە ئىگە ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانخانىسى، ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق ساياھەتچىلىككە ئائىت مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى