تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا «باھار» مەنزىرىسى نامايان بولدى

11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ جەنشو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ ئەينەكلىك پارنىكىدا، رەت - رەت يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. ئىشچىلار كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلىش، يىغىش، توشۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ ئەينەكلىك پارنىكتا توختىماي ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان، يىلدا 11 قېتىم نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىغىلى، يىغىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ پارنىك بازارنى يىل بويى يېڭى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. □خۇا يەنمىڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.