تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يەرلىك كالا سىمېنتال كالىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ پايدا ھەسسىلەپ ئاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆبە بازىرى قارا ئۆلەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بايمۇرات قابدوللانىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىغا كىرگىنىمدە، ئۆلچەملەشكەن كالا قوتىنىدا سېمىز، تېمەن سىمېنتال كالىلىرى يەم - خەشەك يەۋاتاتتى، بايمۇرات يەم - خەشەك سېلىش، قوتاننى تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن بايمۇراتنىڭ كالا بېقىۋاتقىنىغا يەتتە - سەككىز يىل بولدى.

ئىلگىرى بايمۇرات ئىزچىل تۈردە يەرلىك كالا بېقىپ كەلگەنىدى، بىراق ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. ئىقتىسادىي ھېسابات قىلغاندىن كېيىن، 2021 - يىلى ئۇ ئائىلىسىدىكى 120 تۇياق يەرلىك كالىنى سېتىپ، 900 مىڭ يۈەن خەجلەپ 30 تۇياق سىمېنتال كالىسى كىرگۈزۈپ، نەسىللىك كالا يېتىشتۈرۈش ۋە گۆش كالىسى بېقىش بىلەن شۇغۇللاندى.

«يەرلىك كالا بىلەن نەسىللىك كالىنىڭ باھاسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار، سىمېنتال كالىسىنى باققاندا ئادەتتىكى كالىنى باققاندىن بىر ھەسسە كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ» دېدى بايمۇرات.

2022 - يىلى، ئۇ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، «ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى + بازا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نەسىللىك كالا يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە گۆش كالىسى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى. چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىكى تېخنىكلار قەرەللىك ھالدا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، گۆش كالىسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش، يېپىق ھالەتتە بېقىش بىلەن يايلىتىپ بېقىشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

بايمۇرات كالىلىرىنى ياخشى بېقىش بىلەن بىللە، يەنە ئۆزىنىڭ بىكار تۇرغان ئۆيىنى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش دۇكىنى قىلىپ ئاچتى.

«ھەربىر سىمېنتال كالىسىنى ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە ساتالايمەن، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپمۇ خېلى ئوبدان كىرىم قىلالايمەن.» بايمۇرات مۇنداق دېدى: ھازىر قوتىنىمىزدا 70 كالا، 200دىن ئارتۇق قوي بار، جاپادىن قورقماي، كۆپرەك تېخنىكا ئۆگەنسەملا، كۈنلىرىمنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.