تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە چىققان «مۈشۈكئېيىق قوي»دىن 30 مىڭى بار بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«ۋاييەي، قورسىقىڭلار ئېچىپ كەتتىمۇ؟ سىلەرگە ھازىرلا يەم - خەشەك بېرىمەن.» 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەتىگەندە، يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسى نور بېشى بىنام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت بارات ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا قوي قوتىنىغا كىردى، قويلار ئۇنى كۆرۈپ مەرىشىپ كەتتى.

نۇرمەمەت قويلارغا ئىنكاس قايتۇرغاچ، ھارۋىنى ئىتتىرىپ بېرىپ يەم - خەشەك قاچىلىدى.

نۇرمەمەت بېقىۋاتقان قويلار نوبېشى قويى، دەپ ئاتىلاتتى، كۆز ئەتراپى قارا، قۇلىقى قارا، ئېغىزى قارا، تۇيىقى قارا بولۇپ، مۈشۈكئېيىققا بەك ئوخشىغاچقا، شۇ جايدىكى پۇقرالار ئۇنى «مۈشۈكئېيىق قوي» دەپ ئاتايتتى. «مۈشۈكئېيىق قوي» يىرىك يەم - خەشەككە چىداملىق، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، گۆشى يۇمشاق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، شۇ جايدا 400 يىلدىن ئارتۇق بېقىش تارىخىغا ئىگە.

بىراق، ئىلگىرى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، باقمىچىلىق ئۇسۇلى ئاددىي بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ خىل يەرلىك نەسىلنىڭ سانى ئىزچىل مۇقىم بولماي كەلگەنىدى، بۇلتۇر ئاران 20 مىڭدىن كۆپرەكى بار ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇ بولدىكى، بۇ يىل 2 - ئايدا، «مۈشۈكئېيىق قوي» مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قەشقەر شۆبە مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىپ، بىردىنلا داڭ چىقاردى.

«كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ ئوماق ھالىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، مەسلىھەت سورايدىغانلارمۇ كۆپەيدى، پۇرسەت كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى نۇرمەمەت.

ئەسلىدە، نۇرمەمەت ئاساسلىقى كالا باقاتتى، ئۇ بۇنى غەنىيمەت پۇرسەت بىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئائىلىسىدىكى كالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ، بۇلارنى 30 «مۈشۈكئېيىق قوي»غا ئالماشتۇردى. كۆڭۈل قويۇپ باققاچقا، نۆۋەتتە «مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ سانى كۆپىيىپ 50كە يەتتى.

«مۈشۈكئېيىق قوي» نەسلىنى قوغداش، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرمەمەتكە ئوخشاش باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش ئۈچۈن، نور بېشى بىنام كەنتى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ «مۈشۈكئېيىق قوي» تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىپ، تېخنىكا كوللېكتىپى قۇردى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى مەبلەغ، يەم - خەشەك، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىدى؛ باقمىچىلىق كارخانىلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بېقىش، سېتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى...

«بىزنىڭ كەنتىمىزلا ئەمەس، باشقا كەنتلەرمۇ كەنت ئاھالىلىرىنى <مۈشۈكئېيىق قوي> بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ <مۈشۈكئېيىق قوي> بېقىش قىزغىنلىقى ئاشتى» دېدى نۇرمەمەت.

بۇ يىل، يېڭىسار ناھىيەسىدە «مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ سانى كۆپىيىپ 30 مىڭغا يەتتى.

نۇرمەمەت ئىلمىي بېقىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى، باقمىچىلىق سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستى. «ھازىر، بازاردا بۇ خىل قوي ناھايىتى ئالقىشلىنىۋاتىدۇ. كېلەر يىلى 4 - ئايدا، باققان قويلىرىمنى سېتىپ چىقىرىمەن.» نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى قويلىرىمنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر سىن سۇپىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئائىلىمىزدىكى بۇ ئوماق قويلارنىڭ كۈندىلىك ھالىتىنى تورغا يوللاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ نەزەرىنى «مۈشۈكئېيىق قوي»غا جەلپ قىلىشنى نىشان قىلدىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.