تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قانداق بولىدۇ؟ مەملىكەت بويىچە بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىدا ناھايىتى كونكرېت چۈشەندۈرۈلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

«رەقەملەشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بىر ئادەم يالغۇز 2000 مو يەرنىڭ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتىنى تاماملىيالايدۇ.» 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى باۋجياديەن بازىرىنىڭ چەيچاڭ كەنتىگە جايلاشقان ماناس ناھىيەسى فاڭچۈن ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە، ماناس ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۈ شياۋچىڭ ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراننى ئېچىپ، ماناس ناھىيەسى فاڭچۈن ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى تونۇشتۇردى.

ماناس ناھىيەسى فاڭچۈن ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى دۆلەت دەرىجىلىك رەقەملىك كېۋەزلىك بويىچە يېڭىلىق يارىتىش - ئەمەلىي قوللىنىش بازىسى. بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ئاقىللاشقان يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئىلغار تور خەۋەرلىشىش، ئاپتوماتىك تىزگىنلەش ھەم يۇمشاق ماتېرىيال تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، كېۋەزلىكنىڭ مۇھىت سانلىق مەلۇماتىنى توپلاپ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا يوللايدۇ ھەم دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېتىز باشقۇرۇشقا يېتەكلەپ، پاختا ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى «ئاقىل» تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا، تۈركۈم - تۈركۈم ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى، ئاقىل چارۋىچىلىق مەيدانى، ئاقىل بېلىقچىلىق مەيدانى بارلىققا كەلدى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا يەر تېرىش، يان تېلېفون ئارقىلىق «كالا بېقىش»، رەقەملەشتۈرۈپ بېلىق بېقىش يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى يېڭى مەنزىرىگە ئايلاندى.

قانداق قىلغاندا ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؟ بۇ يىل 10 - ئايدا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى «مەملىكەت بويىچە ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ھەرىكەت پىلانى (2024 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2024 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە بولغان ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ھەم تەشكىلىي كاپالەت خىزمىتى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2024 - يىلى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىش، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەت، سەككىز تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. 2026 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە ئاقىل دېھقانچىلىق(چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق) مەيدانلىرىنىڭ تېخنىكا ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش نىسبىتى %30تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ. 2028 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئاشلىق، ياغلىق دان زىرائەتلىرى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرخىنى تېجەپ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش رولى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىنىدىغان رايونلاردا يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن رايون بويىچە ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى يولى ئاساسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلدۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش نىسبىتى %32تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.

بۇ نىشان قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟

«پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىكى - يېزا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە دائىر «بىر پارچە خەرىتە» ئورتاق بەرپا قىلىنىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي مودېلى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇلۇپ، بىر تۈركۈم ئاقىل دېھقانچىلىق(چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق) مەيدانلىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

تۈرلۈك خىزمەت نىشانلىرىنىڭ تاماملىنىشى ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت پىلانىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تەھلىل قىلىپ خۇلاسىلەپ، يولغا قويۇش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ھەل قىلىش كېرەك؛ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت كومىتېتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى، مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، سىياسەت تەكلىپى بېرىش كېرەك. سىياسەت ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ياردەم پۇلى قاتارلىق ھازىر بار بولغان تۈر ۋە سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، مۇھىم ئۇچۇر سۇپىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرى قاتارلىق مەبلەغ يوللىرىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىدار شارائىت قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ئەمەلىي قوللىنىشقا دائىر تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ھەرقايسى جايلارنى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى مەخسۇس تۈر ياردەم پۇلى قاتارلىق يېڭى سىياسەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخنىكا، مۇلازىمەت، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كۆپ خىللاشقان سىياسەت مەدىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

□بىرىنچى ئەسكەرتمە

ھەربىر پارچە يەر ئۈچۈن رەقەملىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ

«پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە دائىر «بىر پارچە خەرىتە» ئورتاق بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق ھازىر بار بولغان شارائىتلاردىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىلىپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنىڭ باشقۇرۇش - ئەمەلىي قوللىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان يېزا ئىگىلىكى - يېزا رەقەملىك خەرىتە لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىپ، خەرىتە ئىشلەش، ئېلان قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئاساسىي ئىقتىدار تىرىكى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىش، تارماقلار ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى خەرىتىگە چۈشۈرۈش، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، تېرىلغۇ يەر، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز، ھۆددە يەر، ئۆيلۈك يەر، تېرىلغۇ يەرنىڭ تېرىقچىلىققا ئىشلىتىلىش ئورنى، باقمىچىلىق كۆلچەكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر قاتارلىق مەخسۇس تېمىدىكى خەرىتە قاتلىمى بەرپا قىلىنىپ، ھەربىر پارچە يەر ئۈچۈن رەقەملىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ.

□ئىككىنچى ئەسكەرتمە

ئاقىل دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق) مەيدانلىرى مۇنداق قۇرۇلىدۇ

«پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەرقايسى جايلارنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تۈرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئۇچۇر، تېخنىكا - جابدۇقلارنى توپلاشتۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆپ خىللاشقان ئاقىل دېھقانچىلىق(چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق) مەيدانلىرىنى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، تەڭشەش - تىزگىنلەش، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىشنى دەل جايىدا باشقۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش، تىزگىنەكلىك چارلاپ تەكشۈرۈش، توشۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق تېخنىكا - جابدۇقلار نۇقتىلىق ئەمەلىي قوللىنىلىدۇ. ئاقىل چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا يەككە تەن بەلگىلىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش، مۇھىتنى دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەش، ئاپتوماتىك چارلاپ تەكشۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش، كېسەلگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق دىياگنوز قويۇش، دەل جايىدا رېتسېپلىق يەم بېرىش، ئاپتوماتىك يىغىش - تازىلاش، تاشلاندۇقلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تېخنىكا - جابدۇقلار نۇقتىلىق ئەمەلىي قوللىنىلىدۇ. ئاقىل بېلىقچىلىق مەيدانلىرىدا مۇھىت ۋە سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئاپتوماتىك ئوكسىگېن كۆپەيتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يەم بېرىش، يەككە ھەرىكەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، بېلىقلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللەرگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق دىياگنوز قويۇش، دەرىجىگە ئايرىپ ھېسابلاش قاتارلىقلارغا ئائىت تېخنىكا - جابدۇقلار نۇقتىلىق ئەمەلىي قوللىنىلىدۇ.

□ئۈچىنچى ئەسكەرتمە

ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ

«پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا ئەندىزىسىنى يېڭىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سىستېما توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. تۇپراقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تۈرلەندۈرۈش، زىرائەتلەرنى تەقلىدىي مۆلچەرلەش، ھاۋارايىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئەندىزىلەر سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تېرىلغۇ يەرنى تورلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىنى رەقەملەشتۈرۈپ تەقلىد قىلىش، كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئەڭ ئەلا تېرىقچىلىق لايىھەسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، كۆلەملەشكەن ئەمەلىي قوللىنىش شارائىتىدا يەرنى دەل جايىدا تۈزلەش، دەل جايىدا تېرىش، ئۆزگىرىشچان مىقدارلىق دورا ئىشلىتىش، ئۆزگىرىشچان مىقدارلىق ئوغۇتلاش، ئۆزگىرىشچان مىقدارلىق سۇغىرىش، ھوسۇل يىغىشتا زىياننى ئازايتىش، توشۇشتا زىياننى ئازايتىش، ساقلاشتا زىياننى ئازايتىش، شاخ - شۇمبىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدە بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى توپلاشتۇرۇلۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىش تېز ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.