شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ جەمئىي پۈتۈشۈش مىقدارى 58 مىليون 326 مىڭ 200 توننا، پۈتۈشۈش سوممىسى 16 مىليارد 625 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 2.86 ھەسسىسى ۋە 1.84 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.
شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كۆمۈر نەق مال ئېلېكتىرونلۇق سودا مەيدانى بولۇپ، سۇپىدا باھا رىقابىتى بويىچە سېتىش ئارقىلىق شىنجاڭ كۆمۈر بايلىقىنىڭ ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «نۆۋەتتە كۆمۈر نىسبەتەن ئاجىز بولۇۋاتقان بازار مۇھىتىدا، توردا باھادا رىقابەتلەشتۈرۈپ سودىلىشىش يېڭى خېرىدارلار توپىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق.» شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ كۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، سۇپىدىكى باھا رىقابىتى مەيدان قېتىم سانى 2085 مەيدان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %236 ئېشىپ، خېرىدارلار ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۆرلىگەن باھا 16 مىليون 830 مىڭ يۈەن، ئوتتۇرىچە ئۆرلىگەن باھا نىسبىتى %2.6 بولدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى كۆمۈرنىڭ ئەمەلىي كەسىپ ھالىتىدىكى يادرولۇق ئېھتىياجىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېلېكتىرونلۇق نەق مال سودا ئاپپاراتلىرىنىڭ داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، «ئالاقە تورى + كۆمۈر»دىن ئىبارەت سېتىش ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى.
«توردىكى باھا رىقابىتى سودا ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى كۆمۈر سودىسىدىكى رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كۆمۈر بايلىقىنى پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسى ئىچىدە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇردى.» شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سۈن چىچېن مۇنداق دېدى: سۇپىدا سېتىلغان كۆمۈر غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب رايونلىرىنى قاپلىدى، باھادا رىقابەتلىشىپ سېتىشقا قاتناشتۇرۇلغان شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ %80ىدىن كۆپرەكى شىنجاڭ سىرتىغا سېتىلدى.
كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ توردىكى سودىسى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ يىل شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىخۇا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كارخانىلىرى ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزىنىڭ تور سودىسى سۇپىسىغا كىرىپ ماكانلاشتى.
ھازىرغىچە، شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى سۇپىسىدا جەمئىي تىزىملانغان ئەزا 3909غا يەتتى. 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە كۆمۈر سېتىش پۈتۈشۈش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبەت ئىچىدە، شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى %12.5نى ئىگىلىدى.