كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز چوڭقۇر قېزىلدى، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىلدى
شىنجاڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈردى، زورايتتى
□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ مىڭفاڭ، جياڭ يۈنلۇڭ
شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىدە بۇرغىلاش ماشىنىلىرى گۈلدۈرلەپ تۇراتتى. «ئىلگىرى بىر سىلانېتس مېيى قۇدۇقىنى بۇرغىلاشقا ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر پەقەت بىر ئايلا كېتىدۇ. نۆۋەتتە 107 قۇدۇقنى بۇرغىلاش تاماملاندى، 105 يېڭى قۇدۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، مىليون توننىلىق سىلانېتس مېيى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى» دەپ تونۇشتۇردى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىنىڭ دىرېكتورى دۇ شۆبياۋ.
سىلانېتس مېيىنى قېزىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئادەتتىكى نېفىتنى قېزىشقا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇپ، 3000 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىكى يەر قاتلىمىدىن بىر - ئىككى مېتىر قېلىنلىقتىكى ماي قاتلىمىنى دەل جايىدا ئىزدەپ تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى يەر قاتلىمىنى پەرقلەندۈرۈش، قۇدۇق بۇرغىلاش قاتارلىق سىلانېتس مېيىنى ئېچىشتىكى بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېچىش ئۈنۈمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بىر ئىخچام كۆرۈنۈش. 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 60 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.
2023 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش قاتارلىق ئون چوڭ كەسىپ توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈردى، زورايتتى.
مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتتى، زەنجىرنى تولۇقلىدى، زەنجىرنى كۈچەيتتى −
10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ تۈرگە جەمئىي 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، «كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، خىمىيە، ئىسسىقلىق، توك، يېڭى ئېنېرگىيە» بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىنىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىش ئورنىدىن 5500نى، ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىش ئورنىدىن 30 مىڭغا يېقىننى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
نوم بازىرى قومۇل شەھىرىنىڭ ئارا تۆرۈك ناھىيەسىدىكى بىر كىچىك بازار بولۇپ، ئىلگىرى نوپۇسى بىرقەدەر ئاز ئىدى، ھازىر نۇرغۇن كارخانا توپلاندى، 10 مىڭدىن ئارتۇق تېخنىك ئىشچى بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ ئولتۇراقلاشتى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى سۈي تىڭجېڭ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىزنىڭ كەسپى كۆمۈر قېزىشتىن نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى، كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قاتارلىقلارغىچە كېڭەيدى، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى ئالتە كارخانا، ئون نەچچە باغلىنىشلىق كارخانا زامانىۋى كۆمۈر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇپ، مەركەزلىك چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر قېزىش ۋە كۆمۈرنى ئىنچىكە پىششىقلاش، كۆپ مىقدارلىق ئېنېرگىيە ئەشيا ئوبوروتى ۋە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت بىر گەۋدىلەشكەن 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك يېشىل ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى».
مەۋقە ئەۋزەللىككە قويۇلۇپ، كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز چوڭقۇر قېزىلىپ، شەرقىي جۇڭغار ۋە قومۇلدا كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قۇرۇلدى؛ «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ» يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىلدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %18.3، %74.4ئاشتى.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇردى −
كونترول قىلىش ئۆيىدە، چاقلىق ئۈزۈلدۈرمەي كۆمۈر قېزىش سىستېمىسى يىراقتىن كونترول قىلىنىۋاتاتتى، بىر چەتتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى يىغىپ، يۆتكەپ توشۇۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىدە شوپۇرسىز ھەيدىلىۋاتاتتى. ئارا تۆرۈك جياڭنا يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جياۋ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ماي تەركىبى مول كۆمۈر كەسپى تەتقىقات ئورنى ۋە پەن - تېخنىكا تەتقىقات - ئېچىش مەركىزى قۇرۇپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، «نۆۋەتتە، كەسىپ زەنجىرى مېتال ماگنىي ياساش، يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى بىرىكمە ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشقىچە ئۇزارتىلدى، بىر توننا كۆمۈرنىڭ قىممىتى 300 يۈەندىن 3000 يۈەنگە ئۆستى».
كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ باشلامچى بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىياللارنى ئېچىش - پايدىلىنىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. 2023 - يىلى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات خىراجىتى 8 مىليارد 467 مىليون يۈەن بولۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 529ى يېڭىدىن كۆپەيدى.
سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى قوزغاتتى −
يۈرۈشلەشتۈرۈش كەمچىل بولسا، قومۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالاقىدار كارخانىلارنى كىرگۈزدى؛ ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولسا، ھۆكۈمەت تېخنىكا مەكتەپلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورناتتى... «شىنجاڭ، بىزنىڭ كەلگىنىمىز توغرا بوپتۇ! ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، مەسىلە بولسا دەرھال قول سېلىپ ھەل قىلدى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن 2 - يىلى، بىزنىڭ زاكاس مىقدارىمىز لايىھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى» دەپ تونۇشتۇردى جۇڭسەي پەن - تېخنىكا (ئارا تۆرۈك) شامال ئېلېكتىر ياپراقچىسى چەكلىك شىركىتى بىخەتەرلىك - مۇھىت سۈپەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى.
نوم شامال رايونىدىكى چۆللۈكتە، بىر غايەت زور شامال ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇراشتۇرۇلۇۋاتاتتى. «15 مېگاۋاتلىق شامال گېنېراتورىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 180 مېتىر بولۇپ، ھازىر بار بولغان شامال گېنېراتورى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئوتتۇرىچە قۇرۇلۇش تەننەرخى تۆۋەنلىدى» دېدى تۈر مەسئۇلى لو يىنۋەن.
شىنجاڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يېتەكچى پىكرى، كەسىپ توپى ھەرىكەت پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەسئۇللىرى نۇقتىلىق كەسىپ توپى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، «بىر زەنجىر، بىر لايىھە» بويىچە كونكرېت تەدبىر تۈزۈپ، كۆپ تەرەپتىن نۇقتىلىق يۆلىدى.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى؛ پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 3498 بولۇپ، سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.3 ئاشتى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك». دىققەتنى ئون چوڭ كەسىپ توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يەرلىك خاسلىق ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلماقتا.
(«خەلق گېزىتى»نىڭ 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)