ما شىڭرۇي فۇكاڭ، ۋۇجياچۈگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي فۇكاڭ شەھىرى ۋە ۋۇجياچۈ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي فۇكاڭ شەھىرىنىڭ دىڭجياۋەن كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش نەق مەيدانىدا، تۈزەشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، فۇكاڭ\ۋۇجياچۈ، 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ۋە رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى فۇكاڭ شەھىرى ۋە ۋۇجياچۈ شەھىرىگە كېلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش، كارخانىلارنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتى، بەخت - سائادىتىنى چىقىش قىلىپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا، پوزىتسىيە ئېنىق بولۇش، ئىرادە قەتئىي بولۇش، قەتئىي بوشاشماسلىق، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش، رايون ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزەشكە قاراپ قەدەم تاشلاشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ما شىڭرۇي فۇكاڭ شەھىرىنىڭ دىڭجياۋەن كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈزەشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆردى، كۆمۈر قاتلىمىنىڭ كۆيۈش، بۇلغىما چىقىرىش ئەھۋالى ۋە تۈزەش ئۇسۇلى، نەتىجىسى قاتارلىقلارنى سورىدى، سانجى ئوبلاستىنىڭ كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان، ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىلمىي ئۇسۇل ۋە كەسپىي تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، «بىر رايون، بىر تەدبىر» ئارقىلىق چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلاپ، ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، بىخەتەرلىك جەھەتتە كۆپ خىل ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتىكى نۇقتىلىق رايون، بۇلغىنىش مەنبەسى ۋە ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق مۇھىتنى ياخشىلاش، يۇرت - ماكاننى قوغداش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنفا گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى ۋە شىنجاڭ كوئېنلۇن پولات - تۆمۈر شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن، پولات - تۆمۈر قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىلارنىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەرنى تەپسىلىي سورىدى، بۇلغىما چىقىرىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەشكە دائىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە سەرپىياتى، مۇھىت قوغداش، تېخنىكا، بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا دائىر ئۆلچەملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە يېشىل ئۆزگەرتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پاكىز تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شىنفا شىركىتىدە، ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ سانائەتتىكى ئېشىنچا ئىسسىقلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار نېفىت ئېلىش زاۋۇتىغا كېلىپ، قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەردىن رايون نېفىت - تەبىئىي گازلىقىنىڭ تارقىلىشى ھەم ئۇنى ئېچىشقا دائىر ھازىرقى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، مىقدارنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىققەتنى «قوش كاربون» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رايون مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا نىشانلىق تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق بۇلغىما ئامىللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش يوللىرىنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، نۇقتىلىق رايون، كەسىپ ۋە كارخانىلاردا بۇلغىنىشنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، چوڭقۇر تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت ساھەسىدە يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رايونلار ماسلىشىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رايون، تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تۈر قۇرۇلۇشى، ئامىللارنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قول تۇتۇشۇپ مۇھىت قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ماس ھالدا ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
لى يۇڭخۇڭ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.