□ دىلنار ئابلا
مەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى. مەن بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر جاي، ئېرىشكەن بارلىق شان - شەرەپلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى غايەت زور غەمخورلۇق ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.
1978 - يىلى، مەن شىنجاڭدىن بېيجىڭغا بېرىپ، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى مەكتەپ قورۇسىغا كىردىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن ئۇسسۇلغا مەستانە قىزچاقتىن ئۇسسۇلچىغا ئايلىنىپ، كەسپىي سەنئەت سەھنىسىدە ئۆزۈمگە تەۋە نەتىجىلەرنى يارىتىشنى ئارزۇ قىلدىم.
تۆت يىلدىن كېيىن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، بۈگۈنكى شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە كىردىم. كېيىن، مەن تۇنجى يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل مەخسۇس كېچىلىكى ئۆتكۈزدۈم، «مۇز تاغ ئوتى» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلۇم بىلەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، «تىيانشان شادلىقى» ناملىق ئۇسسۇلۇم بىلەن ۋېنخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم، يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلۇم «ئۈزۈم ئۈزۈش» 20 - ئەسىر خۇارېنلار نادىر ئۇسسۇل ئەسىرى بولۇپ باھالاندى... بۇ يولنىڭ ھەربىر بۆلىكىدىكى مۇساپىنىڭ ھەممىسىنى ناھايىتى ئالدىراش باستىم، ئالدىراشلىقتىن ئۆزۈم بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرىمنى ياخشىراق رەتلەپ خاتىرىلەشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم. بۇ مەزگىلدە، «شىنجاڭ گېزىتى» مېنىڭ ئۇسسۇل ھاياتىمغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆسۈپ يېتىلىشلىرىمنى خاتىرىلىدى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.
مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، بۇ، خەلق ماڭا يۈكلىگەن ئىشەنچ، شۇنداقلا مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ. مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، مەن شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇپ، يېزا - كەنتلەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشتىكى نۆلدىن تۆۋەن توققۇز سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇقتىمۇ سىرتقى سەھنىدە قويغان ئويۇنىمىزنى كۆرگەن قىزغىنلىقىنى بايان قىلدىم، مەن باشلامچى بولۇپ ئەزالار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ جەلپكارلىقىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇردۇم، يەنە نۇرغۇن دوستلارنى تاغ - دەريالىرى گۈزەل، كىشىلىرى تېخىمۇ گۈزەل يۇرتۇمغا تەكلىپ قىلدىم... ماڭا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ پەيتلەرنىڭ ھەممىسى يەنە ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلدى ۋە كېڭەيتىلدى.
بۇ يىللاردا، شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتى «ئېگىزلىك»تىن «ئېگىز چوققا»غا قەدەم قويۇش بۇرچىنى تىرىشىپ تاماملىماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى خادىملارنى مەملىكەت خاراكتېرلىك كەسپىي ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەپ، شىنجاڭ ئەسەرلىرىنى «تاۋلى لوڭقىسى» «نېلۇپەر مۇكاپاتى» قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم مۇسابىقىلەردە باھالاشقا قاتنىشىشقا تەۋسىيە قىلىپ، قالتىس ئەسەر، مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنى جۇلالاندۇردى.
بىز تاللاپ ئەۋەتكەن «ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ» «گۈل مەڭگۈ مۇشۇنداق قىزىل» «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» «بوۋامنىڭ ساماۋارى» قاتارلىق ئەسەرلەر ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگو ئۇسسۇلى «نېلۇپەر مۇكاپاتى»نىڭ مىللەتلەر خەلق ئۇسسۇلى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «راۋاب ئىشقى» «ئېسىل بېزەلگەن ساماۋار» نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «يىپەك يولىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى − مەڭگۈلۈك مەشرەپ» «نېلۇپەر مۇكاپاتى» ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۇسسۇل شېئىرى ئەسەر ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، «چيەنخۇا . مەنبى» «يۇڭشېڭ يۇڭشى» «نېلۇپەر مۇكاپاتى» بويىچە كىلاسسىك ئۇسسۇللارنى باھالاشتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەرگە شىنجاڭنىڭ كىلاسسىك ئۇسسۇل ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاشتا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مەن پەخىرلىنىدىغان بۇ دەقىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى كۆپ خىل شەكىلدە قالتىس، شۇنداقلا چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، سەنئەت سەھنىسى بىلەن تاماشىبىنلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى. بۇ خەۋەرلەردە، بىز ئۇسسۇل ئارقىلىق بايان قىلغان شىنجاڭ ھېكايىسى تېخىمۇ مول تىل بىلەن ئىپادىلەندى، ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇلىرى، كەچۈرمىشلىرى، ئېرىشكەنلىرىنىڭ ھەممىسى ھەربىر قۇر يېزىقتا، ھەربىر پارچە كۆرۈنۈشتە جانلىق ئىپادىلەندى.
گېزىت سەھىپىسى چەكلىك بولسىمۇ، مۇھەببىتىمىز چوڭقۇر، مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان ھېكايەم يەنىلا داۋاملاشماقتا.
(ئاپتور جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)