− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 ـ قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىتتا، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن پۇرسەت خىرىستىن چوڭ».
باش شۇجى شى جىنپىڭ 4 ـ قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ھازىر دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ياخشى ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزنى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىزنى مۇھىم ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش تارىخىي ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەپ، جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىپ، كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يەرشارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇقمۇ بولىدۇ، ئوڭۇشسىزمۇ بولىدۇ. پەقەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، نىشان يۆنىلىشى، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، دادىللىق بىلەن تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلساقلا، ئاندىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا جايىدا تاقابىل تۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك يېڭىش كېرەك». ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، قىسمەن دائىرىلىك توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش ئۈزۈلمەي يۈز بېرىۋاتىدۇ، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ، ئېنىقسىز، مۇقىمسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. پايدىغا يۈزلىنىپ، زىياندىن ساقلىنىشقا، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە ئىقتىدارى، پىلان تۈزۈش ئىقتىدارى، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەش، ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، شۇنداقلا جەزمەن باشتىن ـ ئاخىر پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق بىرىكىش نۇقتىسى، مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قاتنىشىش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىلىدىغاننى قىلىپ قىلمايدىغاننى قىلماي، قۇرۇق ۋەدە بەرمەي، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، سىياسىي ھېسابات، ئىستراتېگىيەلىك ھېسابات، ئومۇمىيەت ھېساباتى، ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات، ئىقتىسادىي ھېساباتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مۈلكى بارغانسېرى كۆپەيدى. قانداق قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مەنپەئىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان مۇھىم تېما. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى «قارار»ىدا چەت ئەلگە چېتىشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «ئەتراپ خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش» «چەت ئەللەردىكى مەنپەئەت ۋە سېلىنما خەۋپ ـ خەتىرىدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، قوغداش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مېخانىزم ۋە لايىھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، باھالاش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مەنپەئىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
پۇرسەتنى ئىگىلەشتە، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش تېخىمۇ زۆرۈر؛ خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا. ھازىر، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى، بۇ، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۇتساقلا، چوقۇم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)