تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋرىشىم شەھەر بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

«يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋرىشىم شەھەر بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان، شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بەرداشلىق بېرىش، ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى تېز بولغان ئەۋرىشىم شەھەر بەرپا قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋرىشىم شەھەر بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

«پىكىر»نىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، جەمئىيەت قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساس، ئاقىل ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى تايانچ قىلىپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى، باشقۇرۇشنىڭ ئەۋرىشىملىكى، بوشلۇقنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ بىخەتەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2027 ـ يىلىغىچە، يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئەۋرىشىم شەھەر قۇرۇلۇشىغا بولغان تىرەكلىك رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبە، ئۇسۇللار شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 2030 ـ يىلىغىچە، يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئەۋرىشىم شەھەرلەرنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەۋرىشىملىكى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ ئايلىنىشى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ تەرتىپلىك، تېخىمۇ ئاقىل، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

«پىكىر»دە يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش، ئاقىل شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىلنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاقىل تۇرالغۇ رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاقىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، رەقەملىك ئائىلە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇش بىلەن بىناكارلىقنى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شەھەر ئۇچۇر مودېلى (CIM) سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شەھەر ئايلىنىشىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، تور ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.