تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەيمەي يەتكۈزۈش توكلۇق ۋېلىسپىتىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

    «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ۋەيمەي ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان توكلۇق ۋېلسىپىتلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش بويىچە 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) يېقىندا ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ تارماق ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار بىلەن بىرلىشىپ، ۋەيمەي ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزىدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش بويىچە 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
    12-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «لايىھە»نىڭ تەرتىپكە سېلىش مۇھىم نۇقتىسى يەتتە جەھەتتىكى 13 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق، ئالاقىدار تەكشۈرۈش ۋە تەرتىپكە سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ۋەيمەي ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەك تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان توكلۇق ۋېلسىپىتلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ، يول قاتناش ھادىسىسى ۋە ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ۋە ئازايتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.