تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چوڭقۇشتاي: تىيانشان شەمشادى قىشتىكى شادلىق ناخشىسى

   11-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسىنىڭ قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتى كۈمۈش لىباس كىيىپ، خۇددى قار-مۇزدىكى چۆچەك دۇنياسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان كەنت، گىرەلىشىپ كەتكەن ياغاچ ئۆي، قارلىق تاغ، ئورمان، دالا، دەريا-ئېقىنلار بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، بىر پارچە سىياھ رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى.

   بۇ ۋاقىتتا، ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى كەڭ كەتكەن قارلىق دالىدا ياڭراپ، قىشنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، قار-مۇز دۇنياسىغا جانلىق تۈس قوشتى.

ئاپتورلار: تاھىر ئەنۋەر، جاۋ چىڭچىڭ

ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.