تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش ياردەم پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 مىڭ يۈەن بولدى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە كۈچ قوشتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى رېن يۈەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بىراك قىلىش قىسمەن ياردەم پۇلى ۋە يېڭىلاش قىسمەن ياردەم پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، يەنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىلىرى نوقۇل ھالدا كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئەگەر كومبايىن، سىيالكا، شال مايسىسى تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىراك قىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە ئوخشاش تۈردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى سېتىۋالسا بىراك قىلىش ياردەم پۇلى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.

​يېڭى ماشىنا-سايمانلارنى سېتىۋالغاندا بەھرىمەن بولىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىمۇ ئالاھىدە زايوم مەبلىغى ئارقىلىق يېڭىلاش تولۇقلىمىسى شەكلىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بار ئائىلىلەرگە تېز سۈرئەتتە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھازىر بۇ خىزمەت سىجىل ئالغا سىلجىتىلماقتا.

رېن يۈەنشىن مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىۋېلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىدىن ئىككىسى بار بولدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىلىرى كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يىغىۋېلىش كارخانىلىرىغا سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ماشىنا ئىگىلىرىگە «بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈش جەدۋىلى»نى تارقىتىپ بېرىدۇ، ماشىنا ئىگىسى «بىراك قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈش جەدۋىلى» ۋە سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون (ناھىيە)دىكى يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىدۇ.

ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5427 تىراكتور، 193 بىرلەشمە يىغىش ماشىنىسى، 12 مىڭ 639 (يۈرۈش) يۈرۈشلەشكەن دېھقانچىلىق سايمىنى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان كونا تىراكتور، بىرلەشمە يىغىش ماشىنىسى 3000دىن ئارتۇق بولۇپ، %53نى ئىگىلەيدۇ. شەھەر بويىچە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشىدۇ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %79كە يېتىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جياڭ بىنۋېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.