تېتىر ئويمانلىقى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى بىلەن باي ناھىيەسى ئارىسىدا بولۇپ، چۆلتاغ ئارىسىدىكى تار، ئۇزۇن كەتكەن بىر رايون، ئۇ دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنىڭ 830 كىلومېتىرلىق جايىنىڭ شىمالىدا، 3-دەۋردىكى چۆلتاغ تاغ گەۋدىسى ھەرىكىتىدە شەكىللەنگەن پۈرۈلمە بەلباغ ئويمانلىقى. تېتىر ئويمانلىقىنىڭ جەنۇب-شىمال كەڭلىكى تەخمىنەن بىر كىلومېتىردىن بەش كىلومېتىرغىچە، شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 24 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 64 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بۇ جايدا، فوتوگراف ۋېي يۈەن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن بۇ ئاز ئۇچرايدىغان يەر شەكلىنى خاتىرىلىدى.
«كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى