شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قادېن كەبىن قاتناشتى.
مۇسابىقە بۇ يىل 3 - ئايدا باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتلىرى پائال ئاۋاز قوشۇپ، بەس - بەستە مۇسابىقىگە قاتناشتى، 1100دىن ئارتۇق ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 4500دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقىگە جەمئىي 322 مۇسابىقە تۈرى يوللانغان بولۇپ، 80 تۈر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. مۇتەخەسسىلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق «تۈمەن چاقىرىملىق چېگرادىكى قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى» قاتارلىق ئالتە ئەسەر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «<مەركەزداش چەمبەر> شەكلىدىكى ياشلار ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى باج ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتتى» قاتارلىق توققۇز ئەسەر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «پارتىيەنىڭ قىزىل بۇيرۇق يەتكۈزگۈچى ئەسكىرى» قاتارلىق 18 ئەسەر 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «دىققەتنى يول باشلاش، ئۇلنى كۈچەيتىش، ئىرادىنى تاۋلاش، كۈچ قوشۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق 47 ئەسەر مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتېڭى قاتارلىق 10 ئورۇن مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مۇسابىقە ئارقىلىق قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇسابىقە ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئورگانلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا ئىلغارلاردىن، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشتىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيىتى مەركەزلىك نامايان قىلىندى، ھەر دەرىجىلىك ئورگان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇش، ماركىنى كۈچەيتىش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشتىن ئىبارەت ئىجادىي تەدبىرلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى سېپى سىجىل تۈردە بىرىنچى سەپتە ياخشى مېڭىپ، ياخشى «ئۈچتە ئۈلگە بولۇپ»، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەش تىپىدىكى كادىرلاردىن بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى سىجىل نامايان قىلىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈلدى.
ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋەكىللىرىدىن 350 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.