تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئالغا سىلجىتىلدى، 2025 - يىللىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، پىلانلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، سۈن خۇڭمېي رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دەل جايىدا كۈچەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە يىل بېشىدا تۈزۈلگەن خىزمەت پىلانىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرمۇتۈر رەتلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2025 - يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ تەتقىق قىلىپ، 2025 - يىللىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، كەم - كوتسىز ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك؛ توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلىشى، دەل جايىدا ئىگىلىشى كېرەك؛ ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى دەل جايىدا پىلانلىشى، پۇختا پىلانلىشى كېرەك؛ ئۈنۈم يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشى، ئۇرغۇتۇشى كېرەك؛ ئاممىنىڭ قاتنىشىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەلا قاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.