تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى» ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پاراگۋاي، ئاسۇنسىيون، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جوۋ يۇڭسۇي، جۇ يۈبو) جۇڭگو ئىلتىماس قىلغان «باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى» 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پاراگۋاينىڭ ئاسۇنسىيوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىدا باھالاشتىن ئۆتۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھازىرغىچە، جۇڭگودىن جەمئىي 44 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇمىي سان جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

باھار بايرىمى ئىچكى ئامىلى ئەڭ چوڭقۇر، مەزمۇنى ئەڭ مول، ئۆتكۈزىدىغانلار سانى ئەڭ كۆپ، تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. ھەر يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى خۇارېنلار كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش، بەخت - سائادەت تىلەش، جەم بولۇش، ئىناق ئۆتۈش ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ بۇ كاتتا بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، باھار بايرىمى شەخس، ئائىلە ۋە دۆلەتنىڭ ھېسسىيات رىشتىنى ئۈزلۈكسىز باغلاپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. مەملىكەت سىرتىغا تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، باھار بايرىمى دۇنيا بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە زوقلىنىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى بولۇپ قالدى.

«باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى»دىن جۇڭگولۇقلار ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ كەڭ ئەمەلىيىتى بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادىمىيلىك ھېسسىياتى، دۆلەت مۇھەببىتىگە مۇجەسسەملىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئېجىل ئۆتۈشتەك قىممەت ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپ، ئائىلە ئېجىللىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ مىراس تۈرىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.