تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جانلىق ئىزاھاتى

​− تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىلھامى (4)

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 10دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ نام ئالغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» تاقالدى.

خۇش خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەۋلادمۇئەۋلاد بۇ تۇپراقتا ياشاپ كەلگەن كىشىلەر چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى شۇ تاپتا رېئاللىققا ئايلانغانىدى.

337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىدە توغرىسىغا سوزۇلغان، شەرق - غەرب ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، جەنۇب - شىمال كەڭلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇ ئەتراپتىكى بوستانلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يالماپ كەلدى، ئادەم بىلەن قۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

«مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش». 2023 - يىلى 11 - ئايدا، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلاندى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى ھەل قىلىش ئەڭ تەس بولغان «قىيىنچىلىق»قا قارشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. بىر يىل مىسلىسىز جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى تۇتاشتۇرۇلدى. ئىنسانلارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىخىدىكى بۇ مۆجىزە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپلا قالماي، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت.

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يېشىل يۇرت - ماكاننى قوغداش

گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك بازىرىدىن قاغىلىق ناھىيەسىگىچە بولغان يۆنىلىشتىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسى نەق مەيدانى چوقچىيىپ تۇرغان قۇم بارخانلىرى قۇملۇقنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرىكى قىياپىتىنى خاتىرىلەپ تۇراتتى.

«ئىلگىرى، بۇ يەردە پەقەت قۇم بارخانلىرىلا بار ئىدى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، تىكلىمە قۇم توسۇقى بولغاچقا، سېرىق قۇمنىڭ ئېقىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ» دېدى گۇما ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىبراھىم نۇرمەمەت ئۆزى ياسىغان تىكلىمە قۇم توسۇقنى كۆرۈپ مەمنۇن بولغان ھالدا.

گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك بازىرىدىن قاغىلىق ناھىيەسىگىچە بولغان يۆنىلىشتىكى بوش قالغان رايون گۇما ناھىيەسىنىڭ 65 كىلومېتىرلىق گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بۇ يەردىكى قۇم دانچىلىرىنىڭ دىيامېتىرى چاچنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ، بىرلا شامال چىقسا ئۇششاق قۇم دانچىلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئىبراھىم بوش قالغان رايوندا گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىگە قاتناشتى، تاغلىق يېزا − گۇما ناھىيەسىنىڭ كەڭقىر قىرغىز يېزىسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان 27 ياشلىق يىگىت تۇنجى قېتىم بۇ رايونغا كىردى.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئىبراھىم ھەر كۈنى بىر قېتىم ۋەزىپە نەق مەيدانىغا بېرىپ، بوش قالغان رايوندىكى گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشى قۇم تىزگىنلەش تۈرىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى سىزىپ، يەتتە يېزا - بازار، 18 كەنتتىكى 300دىن ئارتۇق ئامما بىلەن بىرلىكتە تىكلىمە قۇم توسۇقى ياسىدى. 41 كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان 15 مىڭ مو قۇم بارخانلىرىغا قاتار - قاتار قومۇش توسۇق تىكلەندى.

«نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدە 8277 ئائىلىلىك ئامما 412 مىڭ مو قۇملۇق يەرنى ھۆددىگە ئالدى، 14 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە 33 كارخانا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشكە قاتناشتى» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو ئەيكې مۇخبىرغا.

«كۈندە ئىككى سەر توپا يەيمىز، كۈندۈزى يەتمىگەندەك كېچىسىمۇ تولۇقلاپ تۇرىمىز.» بۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يۇرت - ماكاننى قوغداش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مەيدان كەسكىن جەڭدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى سانسىزلىغان قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ئىشلىتىپ، كۈچنى ئىشقا سېلىپ قۇم بىلەن ئېلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى يېڭى مۆجىزىنى ياراتتى.

قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ، شەرققە 30 نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندا، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ 200 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە ئورمان بازىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. يىراققا نەزەر سالساق، قاتار - قاتار تېرەك، توغراق، جىگدە قاتارلىق دەرەخلەر قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە قاتار - قاتار يېيىلغان بولۇپ، خۇددى ئىككى يېشىل توسۇققا ئوخشايتتى. «2016 - يىلىنىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، ھەر كۈنى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىدىن 40 مىڭ كىشى بۇ يەرگە تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى ياتقۇزدى، كۆچەت تىكتى، سۇغاردى... بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى 200 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە ئورمىنى بارلىققا كەلدى» دېدى قاغىلىق ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمەتجان تۇرسۇن.

ھەربىر تۈپ دەرەخ، ھەربىر تۈپ گۈل، ھەربىر جايدىكى مەنزىرە، ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا، قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتەك دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى ياراتتى، شۇنداقلا ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىكى مەنىۋى ئابىدىنى تىكلىدى.

كۆكەرتىش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىق ئۇلىنى پۇختىلاش

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىر تۈرلۈك مۈشكۈل ئېكولوگىيە ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش.

ئىلگىرى، بىپايان قۇم دېڭىزىغا يۈزلەنگەن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى ھال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىنجان مەمەت قاتتىق تەشۋىشتە قالغانىدى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىناتتى. ھازىر، ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب تاپتى. قۇملۇقتا ئادەم كۈچىگە تايىنىپ يۇلغۇن ۋە سۆكسۆك ئۆستۈرۈپ، ئاندىن توشقانزەدىكى ئۇلىدى، مۇشۇ بىر تۈردىلا، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئۇمۇ شۇ جايدا ئاز - تولا نامى بار توشقانزەدىكى تېرىش ماھىرى بولۇپ قالدى.

تۇتاشتۇرۇشتا، تۇتاشتۇرۇلغىنى خەلق رىشتى، ئېلىپ كەلگىنى خەلقنى بېيىتىش بولدى. پايانسىز سېرىق قۇمغا يۈزلەنگەندە، شىنجاڭدىكى قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر قۇملۇققا باشقا بىر نۇقتىدىن قاراشنى ئۆگىنىپ، كۆكەرتىش بىلەن كەسىپلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈردى، قۇم تىزگىنلەش بىلەن بېيىشنى باغلىدى، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادنىڭ ماس قەدەمدە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

− قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچ. كېرىيە ناھىيەسى 214 مىڭ مو يەرگە توشقانزەدىكى تېرىدى، 2023 - يىلى، تاۋارلارنى يىغىش - تارقىتىش، مەھسۇلات پىششىقلاش، باھا ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئامباردا ساقلاش - ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىر گەۋدىلەشكەن كېرىيە ناھىيەسى داۋدى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى سودا بازىرىنى قۇرۇپ، كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى؛ كېرىيە ناھىيەسى 48 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈپ، يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئۈزۈشتىن تارتىپ پىششىقلاش، سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، مو بېشىدىن قىلىنغان كىرىم 6000 يۈەن بولدى. كېرىيە ناھىيەسىدە توشقانزەدىكى، قىزىلگۈلگە ئالاقىدار ھەمكارلىق كوپىراتىپى 40تىن ئاشتى، باشلامچى كارخانىدىن ئۈچى يېتىشتۈرۈلۈپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، كۆكەرتىش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ تۇتۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

− قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، پەرقلىق ئورۇن بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. گۇما ناھىيەسى ئەنخۇينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى گۇالوۋنى كىرگۈزۈپ، 12 مىڭ مو يەرگە تېرىپ، قورۇلغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ھاراق ئېچىتىش ئىشلەپچىقىرىش رايونى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى (تيەنخۇافېن) ئىشلەپچىقىرىش رايونى، يۈرۈشلەشكەن ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش رايونى قاتارلىق زاۋۇت ئۆيلىرىنى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 1100دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 2025 - يىلى، گۇالوۋ تېرىش كۆلىمى 46 مىڭ موغا كېڭەيتىلىدۇ؛ لوپ ناھىيەسى ئالتە يەردىكى تەجرىبە ئېتىزىنى تاللاپ، 300 مو يەرگە ئاق تىكەن، چۈجگۈن، ئورمان ياڭىقى، نىڭتياۋ قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، شورغا چىداملىق، قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرالايدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ.

− قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، مۇھىمى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ كوئېنلۇن ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تۇنجى يىلى سىناق تەرىقىسىدە قىسقۇچپاقا بېقىپ، 18 توننا ساتتى، مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليون يۈەن بولدى؛ چەرچەن ناھىيەسىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا 2 مىليون مەرۋايىت قۇلۇلە قۇمچىقىنى سىناق تەرىقىسىدە بېقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛ مەكىت ناھىيەسىدىكى°N39 قۇملۇق ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش، قۇمدا سىيرىلىش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇش، قۇمدا سىيرىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويدى، مەنزىرە رايونىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان لاگېردا ساياھەتچىلەر يەنە سۈرەتكە تارتالايدۇ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلالايدۇ، كۈننىڭ چىقىشى - پېتىشىنى تاماشا قىلالايدۇ.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ قۇملۇق رايونىدىكى خاس ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 845 مىڭ موغا يەتتى، قۇملۇق كەسپىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يەتتى... قۇم بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا، ئەڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇردىن بۈگۈنكى كۈندە ھەممە يەردە گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىغىچە، شىنجاڭنىڭ قۇملۇق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولغان ھەر مىللەت ئامما شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، پەقەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلغاندىلا، تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى قوغدىغىلى بولىدۇ.

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش

باش قىش پەسلىدە، لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسىدىكى 11 مىڭ مولۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، 30 ياشلىق مەتتۇرسۇن مەتتوختى ئىشداشلىرى بىلەن قۇملۇق يەرنى تۈزلەۋاتاتتى. قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنىڭ يېنىدا، نەچچە يىل ئىلگىرى تىكىلگەن سۆكسۆكلەر ياشىرىپ تۇراتتى.

«چىلان ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار بەشتوغراق يېزىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن مەتتۇرسۇننىڭ ھەم بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرالايدىغان، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بار بولغان چىلان دەرىخى ئۆستۈرۈشكە خېلىلا ئىشتىياقى بار ئىدى. «ئالدىنقى باسقۇچتىكى يول، توك، قۇدۇق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بەردى، مېنىڭ بۇ 4500 مو يېرىم تۈزلىنىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ بولسىلا، كېلەر يىلى ئەتىيازدا چىلان كۆچىتى تىكەلەيمەن» دېدى مەتتۇرسۇن كەلگۈسىگە تەلپۈنۈپ.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى جەريانىدا پاتىگۈل ياسىن، لى پېڭ قاتارلىق تۈركۈم - تۈركۈم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تىپلىرى مەيدانغا كەلدى، ئۇلارنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان كۈرەش قىلىش روھى مەتتۇرسۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئاممىنى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەندە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ چېكىنمەسلىككە ئىلھاملاندۇرماقتا. بۇ خىل كۈرەش قىلىش روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ قالدى.

«تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، يەنە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.» لوپ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئېلى بارات مۇنداق تونۇشتۇردى: لوپ ناھىيەسى ئاساسىي گەۋدىسى كۆپ خىل، يولى كۆپ خىل، ئەندىزىسى كۆپ خىل، سورتى كۆپ خىل، پەن - تېخنىكىسى كۆپ خىل بولغان «بەش كۆپ خىل» قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئامما» «كارخانا + ئامما» «ھۆكۈمەت + ئامما» ئەندىزىسى بويىچە، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، قۇملۇق رايوندىكى سۇ مەنبەسىنىڭ تارقىلىشى ۋە قۇملىشىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە چارۋىچىلىق بىلەن يورۇقلۇق ۋولت بىر - بىرىنى تولۇقلاش قاتارلىق كۆپ خىل قۇم تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

قاراقاش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەۋقەنى ناھىيە ئەھۋالىغا قويۇپ، قاراقاش ناھىيەسى بەش شامال ئېغىزىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، ئىككى چوڭ قۇم مەنبەسى رايونىنى دەل جايىدا ئايرىپ بېكىتىپ، ئۈچ توسۇش لىنىيەسىنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆلىمى 1 مىليون 890 مىڭ مو كېلىدىغان يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى بېكىتتى. ھازىرغىچە 3200دىن ئارتۇق ئامما 200 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى تاماملىدى.

يېشىللىق ئارقىلىق تەكلىماكاننى «قاشالاش»تا قوغدالغىنى بوستانلىق، ساقلاپ قېلىنغىنى پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئورتاق مەنىۋى ماكاندا تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدار ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.