شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن بېنگال ئىسلام پارتىيەلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بېنگال ئىسلام پارتىيەلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە مىللەت، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بۇ، دۆلىتىڭلار ھەم ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بېنگال دوستانە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، مىللەت، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە جاسارەت بىلەن غەلىبە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇردى، ھەر مىللەت خەلق ئىناق، مۇقىم مۇھىتتا خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، دىققىتىنى دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتى. شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىغا ئاتلىنىشنى مەقسەت قىلغان. ھەرقانداق بۇرمىلاش، قارا چاپلاش، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. بىز يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز، بېنگال بىلەن يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بېنگال ئىسلام كونگرېسلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئەمىرى سەيىد ئابدۇللا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر بېنگالنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىناق، تىنچ تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۇق. تېررورىزم دۇنياۋى مەسىلە، جۇڭگو شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ زامانىۋى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسپلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بېنگال ئىسلام كونگرېسلار پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، جۇڭگونىڭ بېنگالدىكى ئەلچىخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.