12-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى 3-تۈركۈمدىكى گۈزەل دەريا-كۆل مۇنەۋۋەر مىسالى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ تىزىملىككە جەمئىي 39 مىسال تاللاندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ئىككى دەريا-كۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنجاڭدىن تاللانغان دەريا-كۆللەر: توشقان دەرياسى (قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بۆلىكى)، ئىلى دەرياسى (كۆكدالا شەھىرى بۆلىكى).
توشقان دەرياسى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي تومۇرىدىن باشلانغان، غەربتىن شەرققە قاراپ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.
مەنبە: قىزىلسۇ ئوبلاستى نۆل ئارىلىق
توشقان دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم تارماق ئېقىنى بولۇپ، ئېقىن رايونى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، دەريانىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ كۆپ قىسمى چۆللۈك، ئەتراپىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ، ئۈنۈملۈك توسۇق كەمچىل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئېقىن رايونىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش بويىچە بىرقاتار قۇرۇلۇشلارنى، سۇ-تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ۋە دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۇلۇق يەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى يولغا قويۇپ، توشقان دەرياسى سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلالىقىنى سىجىل ساقلاپ كەلدى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، جانلىقلار مەنزىرىسى بىلەن ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن تەبىئىيلىكى تولىمۇ ماسلاشتى، ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىرە بايلىقى سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنىڭ گۈزەل جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈلگىسى يارىتىلدى.
ئىلى دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ كۆكدالا بۆلىكىدىكى سۇلۇق يەر.
مەنبە: بىڭتۇەن مەدەنىيەت-ساياھىتى
ئىلى دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ كۆكدالا بۆلىكىدىكى سۇلۇق يەر قۇشلارنىڭ «گۈزەل ماكانى»دۇر، ھەر يىلى قىش پەسلىدە، نەچچە ئون مىڭلىغان كۈل رەڭ ياۋا غاز، سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ، يېشىل باش ئۆردەك، چوڭ ئاق قوتان، ساقىيقۇش قاتارلىق ياۋايى قۇشلار بۇ يەردە ئوزۇق ئىزدەپ، بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىدۇ.
كۆكدالا شەھىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، پۈتۈن شەھەر ئىلى دەرياسىنىڭ مول سۇ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىغا تايىنىپ، شەھەر رايونىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ بولغان، دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن شەھەر مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەن، باش تېمىلىق باغچىدىن 29ى يۇلتۇزدەك تارقالغان بولۇپ، خۇددى بىر تەبىئىي «ئوكسىگېنخانا»غا ئوخشايدۇ؛ شەھەر ئەتراپىدىكى كۆكدالا چوڭ كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەر مۇنبەت، قومۇشلۇقلار قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، ياۋايى قۇشلارنىڭ كۆپىيىپ ماكانلىشىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۆكدالا شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا ياشايدىغان ياۋايى قۇشلار 140 خىلدىن ئېشىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۈنسېرى گەۋدىلەنگەن. 2022-يىلى، «كۆكدالا ئاق قۇ كۆلىنى قوغداش مىسالى» دۆلەتنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىكى مۇنەۋۋەر مىسال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى