دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024-يىللىق دۆلەت گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، سىچۇەن ئۆلكىلىك دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، مەھسۇلات بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن «فاسەيدى چاچتىكى كېپەكنى يوقىتىش، پاكىزلاش چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى» قاتارلىق 15 تۈركۈم قېتىملىق گىرىم بۇيۇمى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولۇپ، «گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا قائىدىسى(2015-يىللىق نەشرى)»دە بەلگىلەنگەن مەنئى قىلىنغان خام ئەشيا تەكشۈرۈپ چىقىلغان.
«گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامى» «گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى» «گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى جېجياڭ ئۆلكىلىك، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىغا چېتىلىدىغان تىزىملاتقۇچى، ئەنگە ئالغۇچى، ھاۋالە بويىچە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى دەرھال قانۇن بويىچە خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش تەدبىرى قوللىنىشقا ھەم ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە بۇيرۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردىكى دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار گىرىم بۇيۇملىرى تىجارەتچىلىرىنى يۇقىرىقى گىرىم بۇيۇملىرى تىجارىتىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇپ، ئۇلارنىڭ مال كىرگۈزۈشتىكى تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ مەھسۇلاتلارنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ مەنبەدىن تەكشۈرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بايقالسا، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ جىنايەتكە چېتىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە گۇڭئەن ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى