تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | ياقا يۇرتتا ئۇلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئەڭ ياخشى ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا 

   ئىككى يىل ئىلگىرى، پېردون ئەخمەتجان يېڭى خىزمەتدىشى ۋاڭ چۇڭلۇڭ بىلەن ياتاقداش بولۇپ قالدى، ئوخشاش كەسىپنى پۈتكۈزگەن، ئوخشاشلا ياقا يۇرتتىن كەلگەن، ئوخشاشلا خىزمەتكە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ ئىككى يىگىت ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئەڭ ياخشى ئاكا-ئۇكىلارغا ئايلاندى.

پېردون ئەخمەتجان (ئارقىدىكى كىشى) بىلەن ۋاڭ چۇڭلۇڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى (تەربىيەلەش مەركىزى)نىڭ ئۇچۇرلاشقان يادرولۇق ئاپپارات ئۆيىنى چارلىماقتا. يېردا ئېردىنباتۇ فوتوسى

   2022-يىلى 7-ئايدا، داشۆنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ چۇڭلۇڭ يۇرتى گەنسۇدىن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى(تەربىيەلەش مەركىزى)گە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، تەقسىم قىلىنغان ياتاققا كىرىپ، دەم ئېلىش ئۈچۈن خوتەندىن قايتىپ كەلگەن پېردون بىلەن كۆرۈشتى.

   ئوچۇق-يورۇق، قىزغىن پېردوننىڭ ئۆيى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش يۇرتىدىن ئايرىلىپ كەلگەن بۇ يېڭى خىزمەتدىشىغا ناھايىتى غەمخورلۇق قىلدى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئورنىنىڭ ئەھۋالىنى، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى، يېڭى خىزمەتدىشىنى شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يېگىلى ئاپىرىپ، ياقا يۇرتتا يالغۇز تۇرىدىغان ۋاڭ چۇڭلۇڭغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

   دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پېردون داۋاملىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئورنىغا قايتىپ خىزمەت قىلدى، ۋاڭ چۇڭلۇڭمۇ يېڭى خىزمىتىنى باشلىدى. «يېڭى خىزمەتكە كۆنەلىدىڭىزمۇ؟ بىرەر قىيىنچىلىق بارمۇ؟ ئېنىق بولمىغان جايلارنى خىزمەتداشلاردىن كۆپرەك سوراڭ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى دوستانە.» پېردون كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دائىم ۋاڭ چۇڭلۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، دەم ئېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەندە ئىككىيلەن بىللە تاماق يەپ پاراڭلاشتى.

   كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ يىل 1-ئايدا پېردون كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى.

   ئىككى يىللىق چېنىقىش ئارقىلىق، ۋاڭ چۇڭلۇڭ خىزمەت مەيدانىدىكى يېڭى خىزمەتچىدىن لاياقەتلىك تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلاندى. پېردون ئىدارىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاڭ چۇڭلۇڭ بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشىلىدى، ھەر ئىككەيلەن ئالىي مەكتەپتە كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكا كەسپىدە ئوقۇغاچقا، ئىدارىنىڭ مۇداپىئە تېمى، تور ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدى.

   ئادەتتىكى خىزمەتلەردە، ئۇلار خىزمەت ئورنىنى تور تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، تەربىيەلەشكە كەلگەنلەرنىڭ كۈندىلىك دەرس ئىنتىزامى، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى. تارتىنچاق، كەمسۆز ۋاڭ چۇڭلۇڭ نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا سەل تارتىناتتى. مىجەزى ئوچۇق-يورۇق پېردون ئۇنىڭ خاراكتېرىنى چۈشەنگەچكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ بىر قىسىم باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى قىلچە ئايىماستىن ۋاڭ چۇڭلۇڭغا ئېيتىپ بەردى. ئەستايىدىل ۋاڭ چۇڭلۇڭ پېردوننىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە ئۈن - تىنسىز ياردەم بەردى.

   ئۇلار بىرلىكتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، بىرلىكتە تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، بىرلىكتە يادرولۇق كومپيۇتېرخانىغا بېرىپ كاشىلىنى ئىزدەپ رېمونت قىلدى ... تىرىشىپ خىزمەت قىلغان سانسىزلىغان كۈنلەردە، ئىككىيلەن ئىنتايىن يېقىن ئاكا- ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى.

   بىر شەھەرنى تاللىغانلىق بىر خىل تۇرمۇشنى تاللىغانلىقتۇر. ۋاڭ چۇڭلۇڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى گەنسۇدا ناھايىتى ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدە يالغۇز ئوغۇل بولغان ئۇ شىنجاڭغا كېلىشنى تاللىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىم شىنجاڭدا خىزمەت قىلىدۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىمدا بۇ يەرگە بىر نەچچە قېتىم كەلگەن، بۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا شىنجاڭدا تەرەققىي قىلسام ئىستىقبالىمنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كەلگەندىن كېيىن چېنىقىش پۇرسىتى كۆپ بولدى، خىزمەتداشلىرىم ناھايىتى دوستانە ئىكەن، مەن يەنە ياخشى دوست تۇتتۇم».

   ۋاڭ چۇڭلۇڭنىڭ ئانىسى ئىلگىرى ئۇنىڭغا يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغانىدى، 2023-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ ئوغلىنى يوقلىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان خىزمىتى بارلىقىنى، يەنە دوست تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يۇرتىغا قايتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچتى. ۋاڭ چۇڭلۇڭنىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ئۇنىڭ يۇرتىمىزدا تەرەققىي قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق، لېكىن بالىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بار ئىكەن، ھازىر خىزمىتى مۇقىم، ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتىۋېتىپدۇ، بىزمۇ خېلى خاتىرجەم بولدۇق. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

   خىزمىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، پېردون بىلەن ۋاڭ چۇڭلۇڭدا خىزمەت ئورنىنىڭ ئەتراپىدىن ئۆي ئېلىش ئويى پەيدا بولدى. ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن بوش ۋاقىتلىرىدا دائىم ئەتراپتىكى ئۆي ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ مەسلىھەتلەشتى.

   «كەچتە كاۋاپ يەپ كەلسەك قانداق؟ مەن كاۋىپى ناھايىتى ئوخشايدىغان بىر يەرنى بىلىمەن ...» «بولىدۇ، مەن كاۋاپ يېمىگىلى نەچچە كۈن بولغانىدى ... ». 12-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، خىزمەت ۋاقتىدا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىشكە ۋەدىلەشكەن بۇ بىر جۈپ ئاكا-ئۇكا يولغا چىقتى.

   ياقا يۇرتتا سىرداش دوستلارغا ئۇچراش، ئورتاق تىرىشىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش، بۇ بەلكىم دوستلار ئارىلىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ھالەت بولسا كېرەك. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.